ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسى

ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسى

ئاپتور:نامەلۇم      ۋاقىت:2008-2-20 11:48:18   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئەيدىز تەكشۈرۈش

ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسى

1-   باب ئومۇمىي پرىنسىپ

             1-ماددا بۇ باشقۇرۇش چارىسى، دۆلەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەش، كېسەللەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش، ھايات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

             2-ماددا بۇ چارە ماس كېلىدىغان ئامما ۋە كەچۈرۈم قىلىش، ئازايتىش دائىرىسى: يېزا ئاھالىلىرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش دورىلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش؛ يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلاردىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش دورىلىرىنىڭ چىقىمىنى مۇۋاپىق كەچۈرۈم قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارنى ۋىرۇس مەنبەسىنى ئۈزۈش دورىلىرى ۋە ھامىلە تەكشۈرۈش دورىلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش(ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ باكتېرىيىگە قارشى داۋالاش دورىلىرىنىڭ تىزىملىكى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئىسىملىرى ئارقىغا قوشۇمچە قىلىندى).

             3-ماددا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر رايونلاردىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ھەقسىز بېرىلىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلىرى، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى ئۈزۈش دورىلىرى ۋە ھامىلىنى تەكشۈرۈش دورىلىرىنىڭ چىقىمى مەركەز مالىيىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. باشقا رايونلاردىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ھەقسىز بېرىلىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورا قاتارلىقلارنىڭ چىقىمىنى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشىنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن ھەقسىز بېرىلىدىغان، ئازايتىلغان دورا ھەققىنى ۋە بۇ خىل داۋالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، تەشۋىق قىلىش، دورا باشقۇرۇش، خادىملارنى تەربىيىلەش قاتارلىق چىقىملارنى يەرلىك مالىيە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

 

2- باب باشقۇرۇشنى تەشكىللەش

             4-ماددا سەھىيە تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى چىقىمى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاش خىزمىتىنى تەڭشەش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

             ئۆلكە، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

             5-ماددا جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىز كېسىلى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى چىقىمى كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالاش خىزمىتىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، يەرلىكنىڭ تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمىتىگە مەسئول بولىدۇ، ھەرقايسى جايلار يوللىغان داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش ۋە يىغىپ توپلاشقا ھەمدە ئۇنى سەھىيە مىنىستىرلىكىگە يوللاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

             ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئورگانلىرى داۋالاش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە يۇقىرىغا يوللاشقا، باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ساقلاشقا، تەقسىملەشكە ۋە تەڭشەشكە مەسئۇل بولىدۇ.

 

3-باب داۋالاشنى باشقۇرۇش

             6-ماددا ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ داۋالىنىشىنى باشقۇرۇش ۋە نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىنى بېكىتىش، سەھىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ تارقاتقان "ئەيدىز كېسىلىنى باكتېرىيىگە قارشى داۋالاشنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر"(سەھىيە تارقاتقان[2004]106-نومۇرلۇق ھۆججەت)گە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

             7-ماددا ھەر قايسى جايلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكشۈرتۈپ يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارغا ۋە كېسەللەرگە داۋالاش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشى، ئۇلارنى شۇ جاينىڭ ھەقسىز ۋە چىقىمى ئازايتىلغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار بىلەن داۋالاشنى يولغا قويغان ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى، داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولغان بىمارلارنى شۇ جاينىڭ نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرىشكە مەسئۇل بولىشى كېرەك.

             8-ماددا چىقىمى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئازايتىلغان دورىلار بىلەن داۋالىنىشنى ئۈمىد قىلغان بىمارلارنىڭ چوقۇم سالاھىيەت كىنىشكىسى بولىشى؛ يېزىلاردىكى بىمارلار يەنە كەنت كومىتېتى ياكى  يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت ئىسپاتىنى بېجىرىشى؛ شەھەرلەردىكى بىمارلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى بەرگەن تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار توغرىسىدىكى ئىسپاتى بولىشى ھەمدە ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق كاپالەت تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولمىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەتكە قول قويۇشى لازىم .

 

4-باب دورا سېتىۋېلىش ۋە باشقۇرۇش

             9-ماددا ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرى ھەر يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ جاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ كېلەر يىللىق ئەيدىز باكتېرىيىسىگە قارشى داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بىمارلار سانى ۋە ئانىدىن ھامىلىگە يۇقۇش ۋىرۇسىنى ئۈزۈشكە ئېھتىياجلىق ھامىلدار بىمارلارنىڭ سانىنى، بۇلار ئېھتىياجلىق بولغان دورا ۋە سىناق دورىلىرىنىڭ تۈرلىرى ھەم سانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ يىللىق دورا تەقسىملەش، ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە دەرىجىمۇ-دەرىجە يۇقىرىغا يوللىشى لازىم.شەھەر (ۋىلايەت)سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرى ناھىيىلەرنىڭ دورا ئىشلىتىش پىلانىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ تۈگىتىشى، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىم. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)يىللىق دورا ۋە سىناق دورىلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىگە ئۇقتۇرۇشى لازىم.

             10- ماددا مەركەز ياردەم بېرىدىغان جايلار باكتېرىيىگە قارشى دورىلار، ئانىدىن ھامىلىگە يۇقۇش ۋىرۇسىنى ئۈزۈش دورىلىرى ۋە سىناق دورىلاردا سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى بىر تۇتاش خېرىدار چاقىرىش چارىسىنى قوللىنىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە ۋە مالىيە تارماقلىرى پارچە سېتىۋېلىش شەكلى بويىچە سېتىۋالىدۇ.  باشقا جايلار ئېھتىياجلىق بولغان دورىلارنى سېتىۋېلىشنى ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى تەشكىللەيدۇ.

 

5-باب نازارەت قىلىش ۋە باھالاش

             11-ماددا سەھىيە مىنىستىرلىكى پۈتۈن دۆلەتتىكى ئەيدىز باكتېرىيىسىگە قارشى داۋالاش چىقىمىنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىگە نازارەت قىلىش ۋە باھالاشقا مەسئول بولىدۇ. قەرەللىك مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈمىنى باھالاش، دورا پىلانى، سېتىۋېلىش، تەمىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىپ، دورا بىلەن داۋالاشنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە دورىنىڭ دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەمىنلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

             12-ماددا جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى سەھىيە مىنىستىرلىكى تاپشۇرغان كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە باھالاش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

             13-ماددا ئۆلكە، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرى قەرەللىك مۇددەت ئىچىدە شۇ جاينىڭ ئەيدىز باكتېرىيىسىگە قارشى داۋالاش ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

 

6- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

             14-ماددا ھەر قايسى جايلار بۇ چارىگە ئاساسەن كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

             15-ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە سەھىيە مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى مەسئۇل.

             16-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

 

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى