ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاياللار ئۈرۈمچىدە ئەمەلىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەندى

ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاياللار ئۈرۈمچىدە ئەمەلىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەندى

ئاپتور:لالە      ۋاقىت:2008-10-25 15:06:05   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئەيدىز تەربىيىسى

غۇلجىلىق قىز كامىلە بۇ يىل 20ياش بولۇپ، ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپلا ئوقۇشتىن توختىغان. ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى زەھەر چەككەچكە، ئاكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كۈن بويى سىرتقا چىقماي، ئۆيگە بېكىنىۋالغانىدى. يېرىم

      ئاي ئىلگىرى كامىلە غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمىدە تېخنىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ‹‹شىنجاڭ ئەيدىز  تارقالغان نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ھەمكارلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تۈرى›› گۇرۇپپىسى بۇنداق خانىم – قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس كۇرس ئېچىپ، ئۇلارنى تورت، پېچىنە – پىرەنىك ياساش تېخنىكىسى بىلەن تەربىيىلىدى. يېرىم ئاي ئۆگىنىش جەريانىدا، كامىلەنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ، ساۋاقداشلىرى بىلەن چىقىشىپ كەتتى ھەم سىنىپ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى.

     كامىلە بىلەن بىللە تېخنىكا ئۆگىنىۋاتقان 30 ئايال قەشقەر ۋە غۇلجىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچىدە 45 كۈن تەربىيىلىنىدۇ.

     غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رۇقىيەنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم تېخنىكا ئۆگىنىشكە كەلگەن ئاياللارئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆيگە بېكىنىۋالغان، سىرت بىلەن  ئالاقىنى ئۈزگەنلەر ئىكەن. ھازىر ئۇلار جەمئىيەتكە يۈزلىنىشكە باشلىغان.

     كامىلە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كۇرسقا كېلىشتىن ئىلگىرى   ئىشەنچىمنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدىم، ھازىر بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئىشەنچىممۇ ئاشتى.

     شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات مەركىزىنىڭ شۇجىسى گاۋپېيشياڭ مۇنداق دېدى: بىز غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەردىن كەلگەن ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 30 نامرات ئايالنىڭ يۇرتىدىن چىقىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەخسۇس  تېخنىكىلىق تەربىيىلەشنى يولغا قويدۇق. تەربىيىلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەسپ سالاھىيەت  گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىمىز.

     ئىگىلىنىشىچە، ‹‹شىنجاڭ ئەيدىز  تارقالغان نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ھەمكارلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تۈرى›› گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلى 8 –  ئايدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 2100  ئايالغا ياردەم بەرگەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«تەڭرىتاغ تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى