|
تەۋەلىك ئالاھىدىلىكى
104 نەپەر يۇقۇملانغۇچى ئىچىدە باشقا ئۆلكىدىن بولغىنى 9 نەپەر، كورلا ئوبلاستىدىن باشقا جايلىق بولغىنى 5 نەپەر، كورلا شەھرىنىڭ ئىچىدە يۇقۇملانغىنى 90 نەپەر (%5 . 86) .
زامان ئالاھىدىلىكى
104 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدە ئۆلگىنى 6 نەپەر، 1999 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە بولغان ھەر يىلدىكى يۇقۇمۇنلىنىش سانى 9 نەپەر، 20 نەپەر، 20 نەپەر، 18 نەپەر، 9 نەپەر، 15 نەپەر، 13 نەپەر.
شەھەر ئىچىدىكى رايونلار ئارا تەقسىملىنىشى
كورلا شەھرىدە يۇقۇملانغان 90 نەپەر بىمار شەھەردىكى 3 شەھەر رايونى ۋە 3 يېزىدىن بايقالغان بولۇپ، چارىباغ ۋە سايباغ رايونىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 29 نەپەر ۋە 22 نەپەر. تېكچى ( تەكچە ) يېزىسى ۋە ئىتتىپاقلىق رايونىدا 15 نەپەر ۋە 13 نەپەر بولۇپ، بۇ 4 رايوندا بايقالغان ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى سانى %8 . 87 نى ئىگىلەيدۇ.
جىنىسلار ئارا تەقسىملىنىشى
ئەرلەر 84 نەپەر، ئاياللار 20 نەپەر بولۇپ ھەر نىسبەت 1 : 2 .4 بولغان.
مىللەتلەر ئارا تەقسىملىنىشى
ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا بولۇپ، جەمئىي 81 نەپەر (%9 . 77) ، خەنزۇلار 18 نەپەر (%3 . 17)، قالغانلىرى خۇيزۇ ۋە مۇڭغۇل مىللىتىدىن .
يۇقۇملانغۇچىلرنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى :
بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىكارچىلار، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكىلەر، دېھقانلار، شوپۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، كادىرلار، ئاشپەزلەر، ئوقۇغۇچى، ئىشچى ۋە داۋالاش خادىملىرى قاتارلىق 10 خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بار. ئاساسلىق قىلىپ،بىكارچىلار (%38) ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكىلەر (%3 . 30) ئاندىن قالسا شوپۇر (%9 . 8) ۋە دېھقانلار (%5 . 7) كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.
ياش ئالاھىدىلىكى :
ياشلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 20 ياش ئەتراپىدىكىلەر %8. 54 نى ، 30 ياش ئەتراپىدىكىلەر % 8. 30 نى ئىگىلىگەن.
يۇقۇملىنىش يولى ئالاھدىلىكى :
زەھەر چېكىشتىن يۇقۇملىنىش ئاساسىي ئورۇندا (% 74)، جىنىسي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان (% 10). باشقىلىرى قان سېلىشتىن يۇقۇملىنىش ئىكەن.
باشقا ئەھۋاللار :
2002 - يىلى كورلا شەھرى دۆلەت دەرىجىلىك پاھشىۋازلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلىنغان. ئەمما، 500 نەپەر جىنسىي مۇلازىمەت قىلىدىغان ئايالنى تەكشۈرگەن چاغدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان. 2004 - يىلى شەھەر ئىچىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، يۇيۇنۇش ئورۇنلىرى، مېھمانخانا، پەردازخانا ۋە ساتراچخانا قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ 525 نەپەر ئايالنى تەكشۈرگەندە 5 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1 پىرسەنتكە يەتكەن. 2005 - يىلى يەنە 368 نەپەر پاھىشىنى تەكشۈرگەندە، 4 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان.
----------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلار << يەرلىك كېسەللىكلەر >> دېگەن ئىلمىي ژۇرنالنىڭ 21 - جىلىتى 4 - سان 29 - بېتىدىكى كورلا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش مەركىزدىكى جاڭ چۈەنجۈن دېگەن يولداشنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىندى.
|