|
بىرىنچى ، تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى
قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ بولغان قەشقەر شەھرى ۋە يەكەن ناھىيىسىدىن تۆۋەندىكى 4 خىل توپقا تەۋە بولغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى قىلىپ تاللاپ ئالغان.
1. زەھەر ( ئەپيۇن، نەشە، كوكايىن، خىروئىن ) چەككۈچىلەر 2. جنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى پاھىشىلەر 3. جىنسىي كېسەللىكلەر ئامبولاتورىيىسىگە كۆرۈنگەن 13 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر 4. ھەرقايسى داۋالاش ئورۇنلىرىغا كۆرۈنگەن ياكى شۇ جايدا تۇغقان تۇغۇتلۇق ئاياللار
ئىككىنچى، نەتىجە
1. زەھەر چەككۈچىلەر توپى
زەھەر چەككۈچىلەردىن 400 نەپەر كىشى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكىلەر 99 نەپەر، مەھەللە - كومتېتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇقلار 301 نەپەر؛ ئەرلەر 351 نەپەر، ئاياللار 49 نەپەر؛ ئوتتۇرىچە يېشى8. 38 ياش، ئەڭ چوڭى 83، كىچىكى 16 ياش. خەنزۇ 28 نەپەر، ئۇيغۇر 369 نەپەر (% 25. 92 ).
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ساۋاتسىز كىشى 111 نەپەر، تولۇقسىز مەلۇماتتىكىلەر 102 نەپەر، تولۇق سەۋىيىدىكىلەر 22 نەپەر، مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرىلار 10 نەپەر.
ئېغىز ئارقىلىق چەككۈچىلەر 253 نەپەر، ئۇكۇل قىلىپ چەككۈچىلەر 147 نەپەر.
306 نەپەر كىشىنڭ جۆرىسى ياكى جىنسىي ھەمراھى بار بولۇپ، 30 نەپەر كىشىنىڭ جۆرىسى ياكى جنسىي ھەمراھىمۇ زەھەر چېكىدىكەن.
بۇ 400 نەپەر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئىچىدە قەشقەر شەھرىدىن بولغانلار 310 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 95 نەپەر كىشى ئەيدىز يۇقۇمدار بولۇپ چىققان؛ يەكەن ناھىيىسىدىن بولغانلار 90 نەپەر بولۇپ، بولارنىڭ ئىچىدە 2 نەپەر كىشى ئەيدىز يۇقۇمدارى بولۇپ چىققان.
بۇ تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋادى يوق دىيەرلىك بولۇپ، بىلىش دەرىجىسى %70گىمۇ يەتمەيدىكەن .
2. پاھىشىلەر توپى
قەشقەر شەھرى ۋە يەكەن ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ۋە دوقمۇشلاردىن 300 نەپەر پاھىشە تاللاپ تەكشۈرلگەن بولۇپ، 33 نەپىرى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىدا، 175 نەپىرى ئادەتتىكى مېھمان كۈتۈش، ھورداقخانا، قاۋاق، كارا ئوكېخانىلاردا ،92 نەپىرى ساتراچخانا، پەردازخانا، پۇت يۇيۇش ئورنى، كوچا - كوتاڭ دوقمۇشلاردا پاھىشىلىك قىلىدىكەن.
ئەڭ كىچىكى 16 ياش، چوڭى 45 ياش، ئوتتۇرىچە 3. 24 ياش بولۇپ، خەنزۇلار 205 نەپەر، ئۇيغۇرلار 87 نەپەر، باشقا مىللەتتىكىلەر 8 نەپەر.
بۇ300 نەپەر كىشىنىڭ ئارىسىدىن 2 نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان.
يېقىنقى 1 ئاي ئىچىدە جىنسىي مۇلازىمەت جەريانىدا قاپچۇق ئىشلەتكەنلەر 167 نەپەر، ئارىلاپ ئىشلەتكەنلەر 27 نەپەر، دائىم ئىشلىتىدىغانلار 20 نەپەر، ھەرقېتىم ئىشلەتكەنلەر 86 نەپەر بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ قاپچۇق ئىشلىتىش نىسبىتى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا روشەن يۇقىرى بولغان.
3. جىنسىي كېسەللىكلەر ئامبولاتورىيىسىگە كۆرۈنگەنلەر
ئومۇمىي تەكشۈرۈلگۈچى 400 نەپەر بولۇپ، ئەر 244 نەپەر، ئايال 156 نەپەر. نىكاھلانغانلار 304 نەپەر، نىكاھلانمىغان ياكى بىرگە تۇرىۋاتقانلار 81 نەپەر؛ خەنزۇلار 235 نەپەر، ئۇيغۇرلار 159 نەپەر، باشقىلار 6 نەپەر. بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالمىغان . ئەمما ، سىفلىستىن يۇقۇملانغۇچىلار 23 نەپەر بولۇپ چىققان.
4. تۇغۇتلۇق ئاياللار
جەمئىي 802 نەپەر ئايال تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، كىچىكى 16 ياش، چوڭى 40 ياش. نىكاھلانغانلار 760 نەپەر، نىكاھلانمىغان ياكى بىرگە تۇرىۋاتقانلار 42 نەپەر.
ئۇيغۇرلار 729 نەپەر، خەنزۇلار 61 نەپەر، باشقىلار 12 نەپەر.
بۇلارنىڭ ئارىسىدىن 1 نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان.
بۇلارنىڭمۇ ئەيدىزگە ئالاقىدار ساۋاتلارنى بىلىش دەرىجىسى 70%گىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ----------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلار << جۇڭگو ئەيدىز كېسەللىكلىرى >> دېگەن ئىلمىي ژۇرنالنىڭ2005 - يىللىق 10 - ئايدىكى 11 - جىلىت 5 - سان 354 - بېتىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش مەركىزدىكى ئادىل قاتارلىق يولداشلارنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىندى.
|