ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:1997يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئاقسۇدىكى ئەيدىز يۇقۇملىنىش ئەھۋالى

1997يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئاقسۇدىكى ئەيدىز يۇقۇملىنىش ئەھۋالى

ئاپتور:يۈكس…      ۋاقىت:2008-7-2 15:01:20   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ئاقسۇ

ئاقسۇ دىيارىدا تۇنجى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى 1996 - يىلى بايقالغان بولۇپ، شۇندىن باشلاپ ھەر يىلى يېڭى يۇقۇم دوكلاتى بېرىلىپ كەلگەن. تاكى 2004 - يىلىغىچە ئاقسۇدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى 498 نەپەرگە ، ئەيدىز تۈپەيلى ئۆلگۈچىلەر 31 كىشىگە يەتكەن. يۇقۇملىنىش ئاقسۇنىڭ 8 ناھىيە 1 شەھەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1 - دېۋىزىيىسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى تۈەن مەيدانلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلگەن.

         بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە مەزكۇر رايۇندىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ، زەھەر چەككۈچىلەر ، جىنسىي مۇلازىمەت قىلغۇچىلار، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن كېسەللەنگەنلەر ، ھامىلىدار ئاياللار ۋە باشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر ، قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ قان پونكىتىدىكى ئەۋرىشكە ئېلىنغان قېنى قاتارلىقلار تەكشۈرۈش ماتېرىيالى قىلىنغان.

ئ         اقسۇ دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ زامان ئالاھىدىلىكى : 1994 - يىلىدىن 2004 - يىلىغىچە يۇقۇملانغۇچىلار سانى بارا - بارا ئېشىپ بارغان بولۇپ، 2003 - يىلى ۋە 2004 - يىلى سەللىمازا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن، 2004 - يىلى بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە ئاشقان.

         ئاقسۇ دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ماكان ئالاھىدىلىكى: رايونلار بويىچە تەقسىملىنىشى مۇنداق : ئاقسۇ شەھرىدە 259 نەپەر ( % 52.01 ) ، كۇچادا 149 نەپەر ( % 28.51 ) ، توقسۇ يەنى شىڭخادا 22 نەپەر ( % 4.42 )، شاياردا 18 نەپەر ( % 3.61 )، بايدا 7 نەپەر ( % 1.41 )، ئاۋاتتا 15 نەپەر ( % 3.01 ) ، ئونسۇدا 8 نەپەر ( % 1.61 ) ، ئۈچتۇرپاندا 15 نەپەر ( % 3.01 )، كەلپىن 1 نەپەر ( % 0.02 )، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1 - دېۋىزىيىسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى تۈەن مەيدانلاردا 11 نەپەر ( % 2.21 ) .
كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى، ئاقسۇ شەھرى ۋە كۇچادىكى يۇقۇملىنىش نىسىبتى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئومۇمىي يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ % 80 نى تەشكىل قىلغان. بۇ بەلكىم مەزكۇر رايوننىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ، ئاقما ئاھالىنىڭ بىرقەدەر جىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

         ئاقسۇ دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ مىللەتلەر بويىچە تەقسىملىنىش ئەھۋالى :


         498 نەپەر يۇقۇملانغۇچى ئىچىدە ئۇيغۇرلار 473 نەپەر ( % 94.98 )، خەنزۇلار 24 نەپەر( % 4.82 )، خۇيزۇلار 3 نەپەر ( % 0.60 ). روشەنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسىبىتى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. شۇنداقلا مەزكۇر نىسبەت ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇملىنىش نسىبىتىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ چىققان.

         جىنسلار بويىچە تەقسىملىنىش ئالاھىدىلىكى :
         498 نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلەر 416 نەپەر، ئاياللار 82 نەپەر بولۇپ، ئەر ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 5 تە 1 بولغان.

         ياش بويىچە تەقسىملىنىش ئالاھىدىلىكى :

         ئەڭ چوڭى 75 ياشتا، ئەڭ كىچىكى 16 ياشتا بولۇپ، يېشى 20 ياشىتن كىچىكلەر 38نەپەر ، 30دىن 40 ياشقىچە بولغانلار 432 نەپەر، 40 ياشتىن چوڭلار 25 نەپەر. يېشى مەلۇم ئەمەسلەر 3 نەپەر.

         نىكاھلىنىش ئەھۋالى :

         توي قىلغانلار 198 نەپەر، توي قىلمىغانلار 108 نەپەر ، ئاجراشقانلار 15 نەپەر، تۇللار 2 نەپەر، ئېنىق ئەمەسلەر 175 نەپەر .

         شۇغۇللىنىدىغان كەسىپى :

         ئىشى يوقلار 187 نەپەر ، يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 139 نەپەر ، شوپۇرلار 47 نەپەر بولۇپ، بۇندىن باشقا ، دوختۇر ، كادىر ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى ، سەتراچ ، ئاشپەز قاتارلىقلارمۇ مەلۇم نىسبەتتە بار .

 

--------------------

         ئالاھىدە ئەسكەرتمە : مەزكۇر سانلىق مەلۇمات << يەرلىك كېسەللىكلەر >> دېگەن ئىلمىي ژۇرنالىنىڭ 2007 يىللىق 23 جىلىتى 1 - سانى 52 - بېتىدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش مەركىزىدىكى بىرقانچە يولداشنىڭ بەرگەن دوكلاتىدىن ئېلىندى .

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«يۈكسەل بىلوگى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى