زەھەرنىڭ يامان ئاقىۋىتى
ئاپتور:نامەلۇم ۋاقىت:2008-2-20 11:52:58 ئاۋاتلىقى: خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش كىچىكلىتىش
مېنىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىغا كىرىپ قالغىنىمغا يېرىم يىلدىن ئاشتى ، ماڭا جان كۆيدۈرۈپ تەلىم بىرىۋاتقان بۇ ئورۇن، ئاللىبۇرۇن ئۈمىدسىزلەنگەن مېنى ، توقۇنۇشقا تولغان بۇ كەيپىياتىمنى پەسەيتى ، تاشتەك قاتقان بۇ قەلبىم ئەسلىگە كەلمەكتە .
مەن بۇ يىل 40 ياش ، بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، كىچىكىمدىن باشلاپ بىر ياخشى ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن بولۇپ ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىم ئىنتايىن ياخشى ئىدى ، كېيىن ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجەم ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىم ، ئەسلىدە قايتا ئوقۇشقا كىرىشنى ئويلىمغان ، لېكىن شۇ قاباھەتلىك 7-ئاينىڭ ۋەھىمىسى مېنى قۇرقۇتتى ، مەن كىتاب-دەپتەرلەرنى تاشلاپلا ، جەمئىيەتكە چىقىپ كەتتىم ، كېيىن بىر تۈركۈم بولمىغۇر دوستلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . تېتىپ بېقىش ، تەسىرنى بىلىپ بىقىش نىيىتى بىلەن بىر قېتىم چېكىپ قېلىپ تاشلىيالماي بىر مىنۇتلۇق خاتالىقنىڭ دەردىنى ئۆمۈرۋايەت تارتتىم .
ئوقۇتقۇچى ئاتا-ئانىلىرىم ، مېنىڭ زەھەر چەككىنىمنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئازابلاندى ، ئاچچىقىتىن نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . ئىنى-سىڭىل ، ئاكا-ئۇكلىرىم ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىدى . ئايالىممۇ ئاپىسىنڭكىگە قايتىپ كەتتى . ئوغلۇمنىڭ نەتىجىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى . نەچچە قېتىم بىچارىلەرچە ماڭا نەسىھەت قىلىپ ، " دادا ، مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن بولسىمۇ چەكمىگىن ، مېنىڭ مەكتەپتىمۇ يۈزۈم قالمىدى ، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي " دېدى . خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈقۈپ قېلىشدىن ئەنسرگەندەك مەندىن قىچىپ يۇرەتتى ، مەن خۇددى بىر ئۇرۇق-تۇققان ، قان-قىرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان ئۆي-ماكانسىز ئادەمگە ئايلىنپ قالغان ئىدىم .
لېكىن بۇ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ئىدىم . ھەر قېتىم دوستلىرىم مېنىڭ ئالدىمىدا ئوچۇق ئاشكارە چەكسە ، مەنمۇ ئالۋاستىغا ئوخشاش زەھەرنىڭ قوينىغا ئۆزەمنى ئاتاتتىم . تۇمان يۇتۇپ ، تۇمان سۇمۇرۇپ ، زەھەر بىلەن ئۆزۈمنى زەھەرلەپ ، ئۆزۈمنى مەست قىلاتتىم ، مەن بەزى ۋاقىتلاردا ئۆز-ئۆزۈمگە قەسەم قىلىپ ، ئىككىنچى چەكمەيمەن دەيتتىم ، لېكىن ھەر قېتىم بۇ زەھەرنىڭ غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىنى باسالمايتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋالقىدەكلا ئاستا-ئاستا بۇ قارا باسقان دۇنياغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتتىم ، ئوغلۇم ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچى ئىدى ، مەن زەھەرنى تاشلاپ ئوغلۇمنىڭ قەلبىدىكى يارىنى ساقايتماقچى بولدۇم . بىراق ، دوستلىرىم مېنى كۆرسىلا خۇددى قەرىز ئىگىسىنى كۆرگەندەك مەندىن قاچاتتى . مەن ئۈزۈل-كىسل ئۈمىدسىزلەندىم . ئۆي سايمانلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ زەھەر سېتۋالدىم . بىر كۈن كەچكىچە ئۆيگە سولىنىپ چىقمىدىم ، زەھەرنى ھەمرا قىلىپ ، ئاخىرىدا خىزمەت ۋە مائاشلىرىمدىن پۈتۈنلەي توختتىلدى .
مېنى زەھەر تاشلىتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانام دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ قويدى . نۆۋەت بىلەن ماڭا قاراپ ، خۇددى بۇۋاق بالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك خەۋەر ئالدى . زەھەر خۇمارى قوزغالغاندا ، مەن كارۋاتتا يېتىپ بەدىنىمنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ، بېشىم ئىغىرلاپ ، پۇتلىرىم بوشىشۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتىم ، سۆڭەكلىرىمدە خۇددى مىغ-مىغ چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم ، يۈرۈگۈمنىڭ ئىغىزىدا سانسىز يىلانلار چىقىۋاتقاندەك بولۇپ ئۆلگەندىنمۇ بەك بىئارام بولۇپ كىتەتتىم كۆڭلۈمدە ئويلايدىغىنىم پەقەت زەھەرلا ئىدى . لېكىن ئاتا-ئانام يېنىمدا ماڭا قاراپ تۇراتتى ، مەن قېچىپ كېتىشكە ئامالسىز ، ئۇلارغا ئاچچىقلانسام ، ئاتا-ئانام ئۈندىمەستىن قاراپ تۇراتتى . ئىككى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ، ياشلىرىنى ئېقىتىپ ، ئوغلى ئالدىدا ھىچ ئامالسىز ئىدى . مەن ئۇلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، قىچىپ زەھەرنى يەنە تېپىۋالدىم . ئەركىنلىكنى يوقاتقان بۇ كۈنلەردە مەن گاڭگىراپ ، ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىش نىيىتىگمۇ كىلىپ قالغان ، چوڭ ئەترەت كادىرلىرى ماڭا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىپ ، داۋلى سۆزلەپ ، ماڭا زەھەرنىڭ زىيىنى توغرىسىدىكى رەسىملەرنى ، فىلىملەرنى كۆرسەتتى . ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان كۆرۈنۇشلەر ، خوتۇن-بالىلىرىنى ئايرىلىپ قالغان تەغدىرلەر ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى ۋە مېنى ئويغاتتى .
مەن ئاخىرى زەھەرنىڭ ئاتا-ئانامنى ،خوتۇنۇمنى ، بالا-چاقىلىرىمنى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمنى ئازابلىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم . زەھەر مېنىڭ ئائىلەمنى ۋە ھاياتىمنى ۋەيران قىلدى . مەن كۆپچىلىكنىڭ مەندىن ساۋاق ئېلىپ ، زەھەر چېكىشنىڭ نۇمۇس ئىكەنلىكىنى ۋە ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****
بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !
بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى
بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى7پاكىنەك 2008年1月25日
بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى
بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى
ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟
«باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»
شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسىخوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىتەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى
نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى | بىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDAئىزباسارمۇنبىرى | ئىلغارپەن-تېخنىكىسى | باس-باس تورى | ئۇلاش تورى
ئاناسەھىپە | سۆزقالدۇرۇڭ | باشبەت قىلىڭ | ساقلىۋېلىڭ | بىزكىم؟ | بىكەت ھەققىدە | نەشىرۋەھوقۇق
Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى