ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:يۈرەك قېنى بىلەن يېڭى ھاياتنى ئالماشتۇرۇش

يۈرەك قېنى بىلەن يېڭى ھاياتنى ئالماشتۇرۇش

ئاپتور:نامەلۇم      ۋاقىت:2008-2-20 11:50:38   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  يۈرەك قېنى

بۇ بىر بۆلەك ئادەتتىكى غەمخۇرلۇق سۆھبەت خاتىرىسى . غەمخۇرلۇق ئوبىيكتى لىن تىيەنىنىڭ ھېكايىسى ، ئەينەم ھەم ئاجايىپ ، لېكىن ئۇنىڭ زەھەر چېكىش ، زەھەر تاشلاش ، قايتا چېكىش يەنە قايتا ھاياتلىققا ئېرىششىنىڭ پۈتۈن جەريانى خاتىرىلەنگەن .

                 ئەگەر ئەڭ دەسلەپكى زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشنى بىر قىزىقىش ، بىلىپ – بىلمەي چېكىپ قېلىش ديىسە ، ئۇنداقتا قايتا چېكىش پەقەت زەھەرنىڭ كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىنمۇ ؟ ياق ! ئۇلار زەھەر تاشلاشتا مۇۋەپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۇرۇق – تۇققان قېرنىداشلىرى ، دوست – بۇرادىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ، كۆڭۈل بۆلۈشى ، لىن تىيەننىڭ يېڭى تۇرمۇشقا قانچىلىك غەمخۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ قان تەرى سڭگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ .

                  " مېنىڭ ئىسمىم لىن تىيەن ، بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىمدىن باشلاپ ئاپام مېنى بەك قاتتىق تۇتاتتى  . مېنى قىز بالا دېمەستىن ئوغۇل بالىدىنمۇ قاتتىق تۇتقان ئىدى " بىز سۆھبەتلىشىش جەريانىدا لىن تىيەن چىرايىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىپ، سەبىيلەرچە قىلىقلارنى قىلىپ قۇچىقىدىكى ياشقا توشمىغان بالىنى ئەركىلتىپ كۈلدۇرەتتى . ئانا – بالا ئىككىسىنىڭ بەخىتلىك قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇلار ئۈچۈن خوش بولدۇم .

                 " مېنىڭ مىجەزىم بەك قوپال ، گەرچە مەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساممۇ ، ئاتا – ئانامنىڭ باشقۇرۇشىنى قۇبۇل قىلمايمەن . ئۇلارنىڭ گېپىنى ئازىراقمۇ ئاڭلىمايمەن . " سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە لىن تىيەن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ " ئاتا – ئانام ئەمەلىيەتتە ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ......."  .

                 مېنىڭ ھۇجۇدۇمدا چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىللىق بىلەن ئاڭلىدىم  ۋە " بىچارە ئاتا - ئانىلار ، ھەر بىر پەرزەنت ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ چوڭ بولمايدىغان بالا ، ئاتا – ئانام تا ھازىرغىچە دائىم ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى سۆزلەيدۇ ." دېدىم

                 " توغرا ، ئۆز ۋاقتىدا مەن چۇشەنمەي قالغىنمغا ئېچىنىمەن . دائىم ئۇلارنىڭ مېنى قاتتىق باشقۇرۇشىدىن زېرىكەنتىم ." لىن تىيەننىڭ يۈزىدە بىر خىل پۇشايمان ھېسياتى گەۋىلەندى ، ۋە پەس ئاۋازدا " تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمەيلا ئوقۇشدىن چېكىندىم . مەن پەقەت ئۆزۈم چوڭ بولۇپ بولغاندەك ، ھەممە ئىشنى قىلالايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ."

                 " شۇ ۋاقىتلاردا سىز زەھەرگە يولۇقتىڭىز شۇنداقمۇ ؟ " مەن ئېھتىيات بىلەن سورىدىم .

                 لىن تىيەن ئاچچىق كۈلۈپ . " دەسلەپتە مەن ئادەتتىكى تاماكىغا ئارلاشتۇرۇپ چەكتىم . كېيىن خۇمار بولۇپ قالىدىغىنىمى ئويلىماپتىمەن . بىرنىچى قېتىم ، مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مەن ئاۋالقىدەكلا " ئاق ئۇن " نى چەكسە ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قاراپتىمەن ، چۈنكى مەن بەك ئاسان زەھەر تاشلىيالىغان ئەمەسمۇ ؟"

                 مەن چۇشەندۇرۇپ : " تىببىي ساھەدىن ئېلىپ ئېتقاندا ، فىزولۇگىيە جەھەتتىن زەھەرنى داۋالاش پەقەت زەھەر خۇمارىنى بېسىشتىكى بىرنىچى قەدەم . مۇھىم بولغىنى پىسخولۇگىيە جەھەتتىن زەھەرگە بولغان تايىنىشنى يوقىتىش . قايتا چېكىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، زەھەر چېكىش قانۇنسىز ھەرىكەت ."

                 " بۇلارنى مەن كېيىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا ئاندىن چۇشەندىم . لېكىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا . مەن ھېس قىلمىغان ." لىن تىيەن ئىنتايىن سەمىمىي كۆرۈنەتتى ._  ئۇنداقتا ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن قايتا چېكىۋالدىڭىز ؟  لىن تىيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى : " ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا بۇ نەرسىگە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى ئويلماپتىمەن . لېكىن ئەتراپتىكىلەر ماڭا بولغان ھەر خىل پىكىرى ۋە ئاتا- ئانامنىڭ تېخمۇ قاتتىق ئەيىبلىش ۋە چەكلىشى مېنى يىرگىندۇردى . مەن پەقەت مۇشۇ مۇھىتتىن ئايرىلساملا ، ئاندىن ھەممە نەرسىدىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلايتتىم . ئاخىرىدا مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قارادىغا كەلدىم . لېكىن قىيىنچىلىققا يۇلۇققان چاغدا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمىدىم ، پەقەت بارغانسىرى يىرگەندىم دوستلىرىمنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا . مەن زەھەر بىلەن ئۆزۈمنى مەست قىلدىم ."

                 "ئادەمنىڭ پاسسىپ مۇھىتتىكى پىسخۇلوگىيىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى بەك ئاجىز بولىدىكەن . ئاسانلا يامان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز ئەمدىلا تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كېلىپ ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىمەي تۇرۇپلا ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولدىڭىز ؟ بۇ توغرا بولمىغان تاللاش  ."

                 لىن تىيەن بىشىنى چايقاپ ، ئۇھ تارتىپ " ئەگەر مەن بىر ياخشى كەيپىياتتا بولالىسام بەلكىم ھەرگىز قايتا ....................."

                 لىن تىيەننىڭ ياشقا تولغان بىر جۈپ كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە قانچىلىك پۇشايمان قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . " ھەر قانداق ئادەم خاتا يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ . بىراق مۇھىم بولغىنى تۈنۇگۈنكى مەغلۇبىيەتتىن دەست تۇرۇش ، ئەتە ئۈچۈن تىرىشىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇرۇش ."

                 لىن تىيەن ھاياجانلانغان ھالدا : " سىلەردەك يىقىنلىرىمغا ئۇچرىغاچقا مەن چەكسىز تەسەللى ۋە خوشاللىق ھېس قىلدىم ." قۇچىقىدىكى قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغان قىزىغا قاراپ ، ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەندى ." مەن ھازىر ئانا بولدۇم ، مەن قىزىمغا بەك ئامراق . سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن غەمخۇرلۇقىڭلار ۋە ياردىمىڭلار نېمىدىگەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم ." سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، كۆز يېشى ئۇنىڭ مەڭزىدىن سىرغىپ چۇشتى .

                 ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مەن باشقلار بىلەن ئالاقە قىلشتىن تېخىمۇ قۇرقتۇم . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىشەنچىسى يوقتىكلا ھېس قىلاتتىم . ئۇلارنىڭ كۆزىدىن خۇددى : " زەھەر چەككەن ئادەمنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ " دەۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى . مېنىڭ كۆڭلۈم گەرچە باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشنى ئۇمىد قىلىدۇ . لېكىن ئۇ چاغدىكى كەيپىياتىم پەقەتلا " چېقىلغان ئەينەك ئەسلىگە كەلمەيدۇ . " دېگەندىن ئىبارەت ئىدى . ئاتا – ئانام مېنى چۇشىنىپ ، ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئۇمىدسىزلەندۇرگەندەك ، ئۇلارغا چوڭقۇر ئازار بەرگەندەك ھېس قىلاتتىم . " لىن تىيەننىڭ گىپى مېنىڭ قەلبىمنى تىترىتەتتى . بۇ خىل تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتىكى مۇرەككەپ ھېسىيات . شۇنداقلا ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن مۇنازىرە بېسىملار ، ئەمدىلا ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشتىن قايتىپ چىقىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، نېمىدىگەن ئېغىر ئەلەم !

                 " مەن يەنە شۇ كۈننى ئەسلەپ قالدىم " لىن تىيەننىڭ كۆزى دەرىزە تەرەپتە ئىدى . ئۇ پەس ئاۋازدا : " مەن ئىنتايىن كەچ ئۆيگە قايتىپ ئىشىكدىن كىرىشىمگە ، سىلەرنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغىنڭلارنى كۆردۇم . سىلەر مېنى ئاز ئەيىبلىمىدىڭلار . مەن يىغلاپ كۈچلۈك رەت قىلدىم . ئۇ ۋاقىتتا مەن سىلەرنىڭ مېنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى چۇشەنمەيتتىم . مەن بىرسىنىڭ كېلىپ مېنىڭ زەھەر چەكمەسلىكىمنى ئەسكەرتىپ قويىشىقا ھەم ياردەم قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس ئىدىم .

مۇنداق ئەھۋالدا قالغان ئادەملەر جىق تۇرسا ، مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى . "

                 لىن تىيەن ھاياجانلىنىپ ماڭا :" سىلەر ماڭا دېگەن ۋاقىت دەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى . سىلەر ئالايىتەن سوۋغا بىلەن مېنى كۆرگىلى كەلگەن ۋاقىتتا مەن ......................"

                 لىن تىيەن يىغلاپ توختىمايىتتى . مېنىڭ كۆڭلۈم بىر خىل دولقۇنلىشىۋاتقاندەك بولۇپ ، ئۇزاققىچە تىنچلىيالمىدىم .

                 لىن تىيەن دۇدۇقلاپ :" مەن ئۇ كۈننى مەڭگۇ ئۇنۇتالمايمەن ، ئاتا- ئانام ماڭا تولۇپ تاشقان مېھىرىبانلىق ۋە غەمخۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن قارايتتى ، ئۇلار ماڭا ، نېمىنىڭ مۇھاببەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى . شۇ كۈندىن باشلاپ مەن قەددىمنى رۇسلاپ ، كۆڭلۈمدىكى قاراڭغۇلۇقىنىڭ ئۆزۈمنى يىڭىشقا يول قويمىدىم . مېنىڭ  ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمنى ، دوستلىرىمىنى قايتا ئۈمىدسىزلەندۇرگۇم يوق . ئۇلار مېنىڭ ئۆتمۈشۈمگە قانداق قارىشىمدىن  قەتئىنەزەر ، ھازىرقى مەن چوقۇم ئۆزەمنى كۈچەيتىپ دەست تۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ساقىيالماسلاردىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايمەن .

                 " ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ۋە غەمخۇرلىقىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . ئىشىنىمەن مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم ئىنتايىن بەختلىك ."

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تور بېكىتى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر:
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى