ئــۇيــغــۇرلاردا تــېـبـابــەت دوخــتــۇر مــۇنـازىـرە مــۇنـبـىـرىگە مەرھەمەت
 ئىخچام تېما:ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

ئاپتور:مەن ي…      ۋاقىت:2008-2-20 11:06:44   ئاۋاتلىقى:     خەت چوڭ-كىچىكلىكى: چوڭايتىش  كىچىكلىتىش

   ئاچقۇچلۇق سۆز   :  ساۋات

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻳﯩﮭﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ، ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ
( ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ )

                            ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ، ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻠﯩﺮﻯ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻳﯩﮭﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﯔ. ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ << ﻳﺎﻻﯕﺌﺎﻳﺎﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ >> ﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﺎﯓ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻻﺑﻮﺭﺍﺗﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


                             ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 8 -5 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﻯ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﭗ ﺧﻮﺭﻻﺷﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


                             ﺳﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﭖ - ﭼﯚﺭﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺖ -ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ، ﺋﻪﻟﯘ - ﻗﺎﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯔ.


                             1 . ﺋﻪﻳﯩﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻳﯘﻗﯘﭼﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


                             2. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ، ﺋﺴﭙﯩﺮﻣﯩﺴﻰ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﺴﻰ، ﺳﯜﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ << ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ، ﻗﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺎ - ﺑﻮﯞﺍﻕ >> ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ  3 ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ. ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 10- 5 ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ، 3 - 2 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.  


                             3. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ( ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ، ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻗﺎﭼﺎ - ﻗﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ) ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ، ﺗﯧﻠﻔﻮﻥ، ﻗﺎﭼﺎ - ﻗﯘﭼﺎ، ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ - ﻛﯚﺭﭘﻪ، ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺵ ﻛﯚﻟﭽﯩﻜﻰ، ﻣﯘﻧﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ، ﭼﺸﻜﯜﺭﯛﺵ، ﭼﯩﯟﯨﻦ - ﭘﺎﺷﯩﻼﺭ ﭼﯧﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﻳﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ.


                             4. ﭘﺎﻙ - ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ - ﻧﯘﻣﯘﺳﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


                             5. ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﭘﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


                             6. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﻳﯩﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺯﯙﺭﯛﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﻠﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


                             7. ﺷﯩﭙﯩﺮﺳﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﭗ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﻻﺯﯨﻢ.


                             8. ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ، ﻗﺎﻥ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺋﯘﺭﻏﯘﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺪﻩ ﺩﯦﺰﯨﻨﻔﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯟﺍﭖ-ﺋﯜﺳﻜﯩﻨﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺶ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﺗﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﻳﯘﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.


                             9. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﯨﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﭘﻮﺯﯨﺘﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﺧﻪﯞﯨﭙﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﺵ ، ﺭﯨﯩﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﯩﺘﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﻠﯩﯧﭗ، ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻢ، ﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


                             10.ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ!!!


                             ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ.

  

***** بىكەت دوختۇرىمىز تەۋسىيىسى *****

         بىكەتتىكى ئەسەر ، ماقالە ، ئۇچۇر ، سۈرەت ، فىلىم ھەم سانلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ، بىلىم دائىرىسىنىى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تەمىنلگەن ، لېكىن تورداشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەمەلىي دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى بولالمايدۇ . نوپوزلۇق ئامبۇلاتورىيە ، دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتكەن نەتىجىنى ھەم دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

         بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىكەتتىكى ئېلانلارنى كۈندە بىرقېتىم چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . سىزنىڭ قوللىشىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ !

بىـــكەت ئۇقتۇرۇشـــــى

    بىكەت سىستېمىسى يېڭىلاندى
7پاكىنەك  
2008年1月25日

بىـــــكەت تەكـــشۈرۈشــــــى

    بىكەت قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى مۇكەممەللەش كېرەك؟
مەزمون جەھەتتىن تولۇقلىنىش لازىم
لايىھەگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم قوللىنىشچان بولۇشى لازىم
مەسلىھەتچى دوختۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇش لازىم
ۋاقتىدا يېڭىلىنىش لازىم
دوختۇرخانىلار ھەم دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

  

بىــــكەت تەۋسىـــــيەلىـــــرى


ئۇيغۇرئالىمىمىزنى تونۇمسىز؟

    ئەسەر كىرگۈزگۈچى:نۇردوختۇر     مەسئۇل تەھرىر:نۇردوختۇر

    مەنبە:«ئىزدىنىش تورى»
  • ئالدىنقى پارچەئەسەر: تۈگىدى
  • كىيىنكى پارچەئەسەر:
  • «باھا بېرىش»«ساقلىۋېلىش»«دوستقا تەۋسىيە»«پرىنتىردا چىقىرىش»«كۆزنەكنى تاقاش»

      تورداش باھاسى:«ئەڭ يېڭى 10 باھا كۆرسىتىلىدۇ ، مەزكۈر باھالار پەقە تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىق قىلىدۇ»
    ::مەزكۈر ئەسەرگە باھا بېرىش::
     ئىسىمىڭىز:
     باھا نومۇر: 1نومۇر 2نومۇر 3نومۇر 4نومۇر 5نومۇر
     مەزمون:
  • ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ!ئانا يېزىقىمىزنى سۆيەيلى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ،سىياسىي تۈسىنى ئالغان ھەم شەھۋانى مەزمونلارنى ئەۋەتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ!
  • باھا بەرگۈچى تورداش بېكىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلاتىغا ھەم قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم .
  • بىكىتىمىز باشقۇرۇغۇچىسى بەرگەن باھايىڭىزنى ساقلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېگە.
  • مەزكۈر بېرىلگەن باھا پەقەت تورداشلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىكىتىمىز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
  •  
       تېــــبابەت ئۇلىــــنىشــــلىرى

    شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى تېببىي تورى | پىچان جۇڭيى بۆرەك دوختۇرخانىسى تورى | شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى | گىموروي تور بېكىتى | شىپايى ساغلاملىق تور بېكىتى | خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسى
    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى | ئۇيغۇرتىببىي تور بېكىتى | ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى | ئەزىز چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | يارىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
    تەجەللى چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسى | داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى | فارابىي ئۇيغۇر تېبابەت تورى | قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى

    نىشان | ئۇيغۇر كومپۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىبىلىك | ئىنتىل | سەلتەنەت | ئۇلىنىش | ئىزدەش | ئۇيغۇر لىنىيىسى | ئاقىللار | ئىزدىنىش | دىيارىم | شەبنەم | سەلكىن | ئۇيغۇرPDA
    ئىزباسارمۇنبىرى  |  ئىلغارپەن-تېخنىكىسى  |   باس-باس تورى  |   ئۇلاش تورى

    ئاناسەھىپە  |  سۆزقالدۇرۇڭ  |  باشبەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ  |  بىزكىم؟  |  بىكەت ھەققىدە  |  نەشىرۋەھوقۇق

    Copyright© 2004-2008 tibabet.com & dohtur.com All Rights Reserved
    «ئۇيغۇرلاردا تېبابەت» تېبابەت توربېكىتى