جۇڭگو تېبابىتىدە تال ۋە ئاشقازان ساغلاملىقنىڭ «يىلتىزى›› دېيىلىدۇ، ئەگەر تال ۋە ئاشقازان زەئىپلەشسە نۇرغۇن كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ شۇڭا تال ۋە ئاشقازاننى ياخشى ئاسراش ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى

تال ۋە ئاشقازان ساغلاملىقنىڭ يىلتىزى

تال ۋە ئاشقازىنىڭىز ساغلاممۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەزالارنى كۆزىتىڭ:

.1كالپۇك. تال ۋە ئاشقازىنى ياخشى كىشىلەرنىڭ كالپۇكى قىزىل، نەم – قۇرغاقلىقى مۇۋاپىق، سىلىق ۋە پارقىراق بولىدۇ؛ تال ۋە ئاشقازىنى ناچار كىشىلەرنىڭ كالپۇكى تاتىرىپ تۇرىدۇ، قىزىللىق بولمايدۇ، قۇرغاق بولۇپ ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدۇ. ئاغزى پۇراش، چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇخلىغاندا شۆلگەي ئېقىشمۇ تال زەئىپلىكىنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.

.2 بۇرۇن. دىماق قۇرغاق بولۇش، پۇراق سېزىمى يوقىلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن قاناش، بۇرۇن لىپىلدىكى قىزىرىش ۋە بۇرۇننىڭ ئۇچى كۆكىرىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىقلار كۆپىنچە تال ۋە ئاشقازاننىڭ زەئىپلىكىدىن پەيدا بولىدۇ.

.3 كۆز. تال ۋە ئاشقازان زەئىپلەشسە ئاسانلا ماغدۇرسىزلىق كۆرۈلۈپ، جىگەرگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆز ئاسان چارچايدۇ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. بۇلاردىن باشقا تال بىلەن ئادەم تېنىنىڭ سۇيۇقلۇق سۈمۈرۈشىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور بولغاچقا، ئەگەر دائىم كۆز قىزىرىپ ئىشىش ۋە يۈز ئىششىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، تالدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

.4 قۇلاق. تال ۋە ئاشقازاننىڭ زەئىپلىشىشى بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ، كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىپادىسى قۇلاق غوڭۇلداش، ھەتتا گاس بولۇپ قېلىش بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن كىشى زىيادە چارچاپ كەتكەندە ياكى كەيپىياتى ناچارلاشقاندا تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىيازدا جىگەرنىڭ ھارارىتى بەك ئېشىپ كېتىپ تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. تال ۋە ئاشقازاندا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە پۇت – قول مۇزلايدۇ، ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، بەزىدە ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.

ئاشقازان ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسى يېمەك – ئىچمەكنىڭ تىزگىنلەنمەسلىكى بىلەن، تال ئاغرىقى بولسا زىيادە چارچاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. گەرچە تال ۋە ئاشقازان ئاغرىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق چوقۇم بىرلىكتە ئاسراش ۋە داۋالاش كېرەك.

تال ۋە ئاشقازان ئۈچتىن، يەنى: خامدىن، سوغۇقتىن، چىڭقىلىشتىن قورقۇدۇ. ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك، خام كۆكتات ۋە مېۋە – چىۋە قاتارلىقلار بەدەننى سوۋۇتۇپ تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇلاردىن بىردە بەك ئاچ، بىردە بەك توق بولۇشمۇ تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ.

بەزى دورىلار تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. تۆمۈرسۇلفات، ئامىنوفىللىن قاتارلىق نۇرغۇن غەربچە دورىلار تال ۋە ئاشقازاننى غىدىقلاپ كۆڭۈل ئاينىش ۋە ياندۇرۇشنى پەيدا قىلىدۇ؛ گۇئانېتىدىن، پروپرانولول قاتارلىقلار ئىچىنىسۈرگۈزىدۇ؛ ئاسپىرىن، ناترىي سالىتسىلات قاتارلىقلار ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاناشنى پەيدا قىلىدۇ. ئوسما يىلتىزى، ليۇشېنۋەن كومىلىچى قاتارلىق تەبىئىتى سوغۇق جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تېنى سوغۇقتىن زەئىپلىشىپ كەتكەن، دائىم ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

كۈلكە ئاشقازانغا پايدىلىق. جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە ناچار كەيپىيات جىگەرنىڭ تەڭشەش رولىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاشقازان ۋە تالغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، كۈلكە تال ۋە ئاشقازانغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى سوۋغا.

پۇت بارماقلىرىنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈش تال ۋە ئاشقازانغا پايدىلىق. تال ۋە ئاشقازىنى ناچار كىشىلەر پۇت بارماقلىرىنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسە تال ۋە ئاشقازاننى ئۇۋىلاپ بەرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ. خىزمەتكە بارغاندا بىر ياقتىن خىزمەت قىلغاچ بىر ياقتىن پۇت بارماقلىرىنى بەش مىنۇتتىن يىغىپ – ئېچىپ بەرسە ياكى پۇت يۇيۇدىغان داسقا چوڭ – كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولغان ئۇششاق تاشلارنى سېلىپ، پۇت يۇغاچ پۇت بارماقلىرى بىلەن قاماللاپ بەرسە بولىدۇ.

تال ۋە ئاشقازان يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، يېمەكلىكلەرنى يۇمشاق چايناپ يېيىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، سالامەتلىك ئەھۋالى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولىدىكەن.

تۆت پەسىلنىڭ ئۆزىگە خاس كۈتۈنۈش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئەتىيازدا چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى ئازراق، پىچەكگۈل، بانان، چىلان قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق تالنى قۇۋۋەتلەش، ياز كۈنلىرى پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك يېيىش، باش كۈزدىن باشلاپ ئوماچنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك. قىش كۈنلىرى سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن ئاشقازان غىدىقلىنىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئادەتتە بالدۇر ئۇخلاش، ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇش، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ بەدەننى ئىللىتىش، ئاشقازان ۋە تالنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
 

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى .