بارماق سىيلاپ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ۋە ئۆرلىتىش

ئوتتۇرا بارماقنىڭ تۈۋىدىن ئۇچىغا قارىتا سىيلىسا، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ

(رەسىم ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس، ئەسلى بارماقنىڭ يېنىدىن باشلاپ سىيلاش كېرەك، بۇمۇ بىر خىل ئۇۋىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ)

يۇقىرى قان بېسىمغا قارىغاندا، تۆۋەن قان بېسىمنى تەڭشىمەك بىر قەدەر ئوڭاي. مەسىلەن: پۇتتىكى بۆرەك ئۈستى بېزى رېفلىكىس رايونىنىڭ قان بېسىمنى ئاشۇرۇش رولى بار، ئادەتتە 8- 10 قېتىم ئۇۋىلاپ قويسا، قان بېسىم ناھايىتى تېزلا ئۆرلەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئۇسۇل جىددى ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر قان بېسىمنى ئۇزاق مەزگىل تۇراقلىق قىلماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىڭ.

قان بېسىمنى ئۆرلىتىش بىلەن چۈشۈرۈشنىڭ پەقەت سىيلاش يۆنلىشىلا ئوخشىمايدۇ خالاس. باشمالتاق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن يەنە بىر قولنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بارماق تۈۋىدىن بارماق ئۇچىغا قارىتا سىيلىسا، قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ، ئەرلەر ئاۋۋال سول قول بارمىقىنى، ئاياللار ئاۋۋال ئوڭ قول بارمىقىنى، ئالقاننى ئۈستىگە قاراتقان ھالەتتە ھەر بىر ئوتتۇرا بارماقنى 81 قېتىمدىن سىيلاپ بەرسە بولىدۇ. 

قان بېسىمى تۆۋەنلەر ئالقىنىنى ئۈستىگە قىلغان ھالەتتە ئوتتۇرا بارماقنىڭ تۈۋىدىن ئۇچىغا قارىتا سىيلاپ بېرىدۇ

قان بېسىمى يۇقىرىلار ئالقىنىنى ئۈستىگە قىلغان ھالەتتە ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۇچىدىن تۈۋىگە قارىتا سىيلاپ بېرىدۇ

مېنىڭ قان بېسىمىم ئەزەلدىن تۆۋەن. چوڭ بالامغا ھامىلدار بولغاندا، تامىقىم ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قان بېسىمىم تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا، يېمەك- ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا، يەنە كۈندە ئوتتۇرا بارماقنى سىيلاپ بېرىش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى سەل چاغلىماڭ، نۇرغۇن دورا يەپ ساقىيالمىغان ياشانغانلار مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ساقىيىپ كەتتى. 

«شىپالىق قول» ناملىق كىتاپتىن ئىسكەندەر جېلىل تەرجىمە قىلدى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پەللە ئۇۋۇلاپ يۆتەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .