ئەيدىز كېسىلى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ بىمارلار يەنە ئەيدىز كېسىلىنى بالدۇرراق داۋالىتىپ ساقايتىشقا ئالدىراپ كېتىپ بەزى خاتا ئۇسۇللارنىمۇ قوللىنىپ سالىدۇ

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى 6 خىل خاتا قاراش

ئەيدىزنى داۋالاشتىكى 6 خىل خاتا قاراش:

بىرىنچى، داۋالاش ئۈنۈمى خەلقئارالىق سەۋىيەنى «بېسىپ چۈشىدۇ».

نۆۋەتتە، دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى دورىلىرى تەتقىقاتچىسى داۋىد خو ئىجاد قىلغان كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بىراق، داۋالاش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى دەپ قارالغان دورىلارمۇ پەقەت بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئاز-تولا ئۇزارتالايدۇ، خالاس. ھەرگىزمۇ تۈپتىن داۋالاپ ساقايتالمايدۇ.

ئىككىنچى، ئەيدىزنى داۋالاشتا «ئەجدادلاردىن قالغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش».

دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بىمارى 1981-يىلى بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئارانلا 20 نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتتى. شۇكا بۇ كېسەلنىڭ دۆلىتىمىزدە بايقالغان ۋاقتىمۇ بىرقەدەر كېيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ «ئەجدادلاردىن قالغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئەيدىزنى داۋالايمەن» دېيىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ.

ئۈچىنچى، «داۋالاش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى، 100 خىل كېسەلگە شىپا بولىدۇ.»

نۆۋەتتە، ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىدىغان ھېچقانداق دورا ئىجاد قىلىنغىنى يوق.

تۆتىنچى، ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرى يوق.

دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى ھەرقانداق دورىنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەشىنچى، «ئەيدىز كېسىلى مۇتەخەسسىسلىرى» ئائىلىدە دىياگنوز قويىدۇ.

دۇنيادىكى «داۋالاش ئەڭ قىيىن بولغان كېسەل»نى داۋالايدىغان مۇتەخەسسىسنىڭ دوختۇرخانىدا ياكى تەتقىقات ئورنىدا ئولتۇرۇپ كېسەل داۋالىماسلىقىنىڭ ئۆزى غەلىتىلىك ئەمەسمۇ؟

ئالتىنچى، «ئەيدىزنى داۋالاش»نىڭ يېڭى دورىسى ھەقسىز.

ئەيدىزگە ھەقىقىي پايدا قىلىدىغان دورىلارنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىز ئەرنىڭ خۇتۇنىنىڭ غېمى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .