ئەيدىز ئەرنىڭ خۇتۇنىنىڭ غېمى

 مۇڭداشقۇغا ئۇچۇر كەلدى.

-ياخشىمۇ سىز، قايسى مەسىلە توغرىلىق پاراڭلىشىمىز؟

-ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ مۇنبەرىدىكى بىر قانچە ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم، بۇ ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ ياكى باشقىلار سۆزلەپ بەرگەننى يازغانمۇ؟

-مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئەمەس. باشقىلارنىڭ ئوقۇغان، ئاڭلىغان، ئېيتىپ بەرگەن كەچۈرمىشلىرى بولۇپ، سىزنىڭمۇ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كەچۈرمىشلىرىڭىز بولسا، تور ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرگىڭىز بارمۇ؟

-نېمە دېسەم بولار، بۇنداق ئىشلار مىنىڭ ئائىلەمنىڭ بېشىغىمۇ كىلىۋاتىدۇ.

-بېشىڭىزنى قاتۇرىۋاتقان ئىشلارنى باشقىلارغا سۆزلىۋەتسىڭىز خېلى يىنىكلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

-مەن سۆزلەپ بەرسەم سىز ئۇنى تورداشلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يېزىپ يوللامسىز؟

-شۇنداق قىلسام بولامدۇ؟ ئەمما ھىچكىم سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

-باشقا يۇرت، باشقا ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن يازامسىلەر؟

-شۇنداق، خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. تېخى مەنمۇ سىزنى تۇنۇمايمەن. تورىمىزغا كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بەرگەنلەرنىڭ بىرسىنىمۇ تۇنۇمايمىز.

-مەن ئۈچۈن ئەيدىز دېسە شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئاڭلىناتتى. لېكىن بۇ كېسەلنىڭ مېنىڭ ئائىلەمدىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىمنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىمەن.

مەن بۇرۇن بىر توي قىلغان، ئالدىنقى يولدۇشۇم بىر يەردە، مەن يەنە بىردە خىزمەت قىلاتتۇق. بىر بالىلىقمۇ بولغان ئىدۇق.

-مەن گەپ قىستۇرماي تۇراي، سىز كەچۈرمىشلىرىڭىزنى بايان قىلىپ يېزىۋېرىڭ. سىز بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن باغلاشماي كەم قالغان يەرلىرى بولسا سوراي بولامدۇ؟

-بولىدۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولماي قالدى. ئۇ بۇرۇنمۇ ھاراققا ئامراق ئىدى، بالا تۇغۇلۇپ ھاراققا تېخىمۇ بىرىلىپ كەتتى. ھەر ئايدا تاپقان پۇلى-مائاشى ھاراق ئىچىپ، كەيىپ-ساپا ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئۆزىگىمۇ يەتمەي، ئاي ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ باشقىلاردىن پۇل ئېلىپ خەجلەپ قەرىزگە بۇغۇلاتتى. مەن بالام ئۈچۈن چىدىدىم، لېكىن ئۇ بارغانسىرى تاپتىن چىقىپ كەتتى. ھاراق ئىچىپ يېرىم كېچىدە، تاڭ ئاتاي دېگەندە كېلىپ مىنى ئۇرۇپ خورلايدىغان بولىۋالدى.  مۇشۇنداق ئۆتۈپ بالاممۇ مەكتەپكە كىردى، شۇنىڭغىچە نۇرغۇن خورلۇقلارغا چىدىدىم، ئاخىرى ئۇنىڭ ئادەم بولۇشىغا چىداپ بولالماي ئاجرىشىپ كەتتىم. بالىنى ئۆزەم باقىدىغانغا كېلىشتۇق، ئۇمۇ بالىنى تالاشمىدى، ئۇنىڭغا بەرگەن بىلەن خىزمەتتىن باشقا  ۋاقىتلاردا سورۇنلاردا ھەم ماجاڭخانىلاردا يۈرۈپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئادەم ئىدى. 8-9 يىل ئۆي تۇتۇپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۆيمۇ ئالماپتىكەنمىز.

ئاجرىشىپ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىر تاكسى شوپۇرى بىلەن تۇنۇشتۇم. كۆرۈشۈپ تاماق يەپ پاراڭلىشىپ، بىر-بىرسىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدۇق. ئۇ يەنى ھازىرقى يولدۇشۇم بولۇپ، بىر توي قىلپ ئاجراشقان ئىكەن. بۇرۇنقى ئايالى توي قىلىپ ئۈچ يىلغىچە تۇغماي، خېلى داۋالاتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماي بالىلىق بولالماپتىكەن. ئاندىن ئۇلار بىر قىز بالا بېقىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بالىنىڭ كېسەللىرى چىقىپ، نۇرغۇن داۋالاتقان بولسىمۇ بەش ياشقا كىرگەندە ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. قىزى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن، ئائىلىدىكى بەزى زىددىيەتلەر توغرىسىدا كىلىشىپ بولالماي ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن. بىز تۇنۇشقاندا ئۇ ئاجراشقىلى ئىككى يىل بولغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يەپ پاراڭلىشىپ مىجەزىمىز خېلى كىلىشىپ قالدى. ئۆزى قالايمىقان كەيىپ-ساپا، ئويۇن-تاماشىدا يوق ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن  توي قىلدۇق.

تويدىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرگە ئون كىلومىتىردەك كەلگەچكە، ئۆيىنى سېتىپ يەتمىگەن يەرگە 50 مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ بىنادىن ئۆي سېتىۋالدۇق. ھازىر توي قىلغىلى بىر يىل بولدى، ئارىلىقتا بويۇمدا قېلىپ تۆت ئاي بولغاندا دوختۇرلار بالا نۇرمال ئەمەسكەن دەپ، نەچچە يەرگە تەكشۈرتسەك ئوخشاش چىققاچقا، ئامالسىز بالىنى ئالدۇرىۋەتتۇق. ھەر ئىككىمىزنىڭ كوڭلى شۇنداق يېرىم بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېزرەك بالىلىق بولساق بولاتتى دەيدىغان ئارزۇسى بار ئىدى. ئۆيدىكىلەرمۇ ھەم تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ ھەممىسى ئەمدى تەلىيىڭىز چىقىپتۇ، شۇنداق ياخشى ئادەمگە ئۇچراپسىز دەپ كېتەتتى. توي قىلغاندىن بىرى ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، بالامنىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرەتتى. كۈندە تاكسى ھەيدەپ تاپقان پۇللىرىنى كەچتە ئۆيگە ئەكىلىپ ماڭا ئۇدۇللۇق ماڭا تاپشۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھەم ماڭا نىسبەتەن شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتچان ۋە كۈيۈمچانلىقىغا قاراپ، ماڭا شۇنچىلىك بەخت ئاتا قىلغان ئاللاغا كۈندە مىڭ شۈكرىلەرنى ئېيتاتتىم.

لېكىن بىزنىڭ بۇ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بىر ئاي بۇرۇن مۇدھىش قورقۇنۇچلۇق كۈنلەرگە ئايلاندى. يولدۇشۇمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ شۇنداق نەتىجىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. نېمىسىنى ئېيتاي شۇ چاغدىكى ئۇنىڭ  ۋە مېنىڭ  ھېسسىياتىمنى! بىز ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەندەك بولدۇق. ئۇ ئون كۈندەك تالاغىمۇ چىقمىدى، تۈزۈك تاماقمۇ يىمىدى. كۈندۈزى كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككەنچە مىدىرلىماي ئولتۇراتتى ياكى ياتاتتى. ھە راست، ئۇ نەتىجە چىقىپ 2-3 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن مەنمۇ تەكشۈرتتۈم، نەتىجىسى مەندە يوق بولۇپ چىقتى. يولدۇشۇم مەن ئۇنداق كېسەل بولۇپ قالغىدەك ھىچقانداق ئىش قىلمىسام، مەن نېمە دەپ ئۇنداق بولۇپ قالغىدەكمەن دەپ ئاھ ئۇراتتى. بىز خاتا تەكشۈرۈپ قالغانمىدۇ دەپ يولدۇشۇمنى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىمۇ تەكشۈرتتۇق، خاتا بولۇشىنى شۇنداق ئاللادىن تىلىدۇق، ئەمما نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش چىقتى. يولدۇشۇم يەنە ئون كۈندەك يىمەي-ئىچمەي دېگۈدەك ھالەتتە ئۆيدىنمۇ تالاغا چىقماي يۈردى. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ تەغدىرىنىڭ شۇنچىلىك كاجلىقىدىن يالغۇز قالساملا يىغلايتىم، لېكىن يولدۇشۇمنىڭ تېخىمۇ تۈگۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چاندۇرمۇدۇم، يولدۇشۇمغا تەسەللى بەردىم. بۇ كېسەلدىنمۇ ئېغىر نۇرغۇن كېسەللەر بار، بەك ئويلاپ كاللىڭىزغا كىرگۈزىۋالماڭ دەيتتىم. لېكىن ئۆزەمنىڭ كاللىسىدىكى قورقۇنۇچلۇق سايىدەك كەتمەيتتى.

كېچىلىرى ئۇخلاپ ئويغانسام ئۇنىڭ ئۇنسىز ياش تۆكۈپ ياتقىنى سىزىمەن، بەزىدە ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىمەن، بەزىدە ئۇخلىغان بولۇپلا ياتىمەن.

 

- ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە يېزىپ  سىزنىڭ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋەتمىگەندىمەن-ھە!

-مۇشۇنداق يازغىنىڭىز ياخشى.

-ھازىرغىچە بۇ گەپنى ئىككىمىزدىن باشقا ھىچ ئىنسانغا تىنمىغان ئىدۇق. ھىچكىم بىر-بىرىنى كۆرمىگەندىكىن تور دۇنياسىمۇ ياخشىكەن،  كۆڭۈلدىكى ئازاپلارنى تۆكۈۋالسىمۇ سەل يىنىكلەپ قالامدىكىن  دەيمەن. ھازىر ئۇنىڭ كەيپىياتى سەل نۇرماللاشقىلى بىر ھەپتىدەك بولدى. شۇڭا تاكسىنىمۇ ھەيدەۋاتىدۇ.

- سىزدىن مۇشۇ توغرىلىق مەسلىھەت سورىسام بولامدۇ؟

-قېنى سوراۋېرىڭ.

-شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدا تەكشۈرتسەك نەتىجىسى ئوخشاش چىققاچقا، دوختۇرلار ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىغا بارساڭلار تەكشۈرۈپ تىزىملاپ دورا بىرىپ داۋالايدۇ دەيدۇ. ئۇ يەرگە بارساق، سىلەرنىڭ مۇنبەرىدىكى «ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئېلىشى» دېگەن ھىكايىدىكىدەك، دوختۇرلار ئەھۋال ئىگەللەيمىز دەپ ئۆيىمىزگە كىلىۋېلىپ بىزنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيارمۇ؟ چۈنكى بۇ ئىشنى ھىچكىمنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمىز.

-ۋىلايەت-ئوبلاست دەرىجىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ ھەقسىز داۋالايدۇ، قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. تەكشۈرتۈپ داۋالانغىلى بارساڭلار سىلەرگە باشقىچە گەپ قىلمايدۇ. سىزنى ئەنسىرەتكەن ئۆچ ئېلىش ھىكايىسى ئايرىم ئەھۋال.

- توردىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى دېگەن تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن، يولدۇشۇمنى توي قىلىشتىن بۇرۇنلا يۇقۇملىنىپ قاپتىكەن دەپ گۇمانلاندىم. چۈنكى، ئۇ بىز توي قىلغۇچە بەزىدە ياندۇراتتى. بىز پاراڭلاشقاندا ئۆزىنىڭ يۈزىگە نەچچە يېرىگە يوغان ئېغىز ئالىدىغان نەرسە چىقىپ، شەخسى دوختۇرخانىدا تاڭدۇرۇپ تەستە ساقايتقانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى. مەن ئۇ چاغلاردا ئۇنداق بولۇشنى پەقەت بىلمىگەچكە دوختۇرغا تەكشۈرتمەپتىكەنمىز. توي قىلغاندىمۇ ياندۇرسا ئاشقازاندىكى چاتاق ئوخشايدۇ دەپ، ھەسەل ۋە ئاشقازان دورىسى ئېلىپ بىرىپ ياخشى بولغاندەك قىلغان.

-سىز يولدىشىڭىزنىڭ تۇنجى خۇتۇنى ئەمەس، بەلكىم يولدىشىڭىز باشقا ئاياللاردىن ياكى باشقا سەۋەپلەردىن يۇقتۇرىۋالغان بولسا كېرەك، ئەمدى بولغۇلۇق بوپتۇ، شۇڭا سىزگە قانداق ئورۇنلاردىن يۇقتۇرىۋالغانلىقىنى دەپ بەرسە بولىدۇ.

-ئۆزىمۇ ئۇقمايدىكەن، بىر قىز بىلەن بىر يىلغا يېقىن ئارىلىشىپ ئايرىلىپ كېتىپتىكەن. ئۇ قىز بىلەن توي قىلايلى دىسە 30 مىڭ يۈەن بەرمىسىڭىز ئۆيۈمدىكىلەر بەرمەيمىز دەيدۇ دەپتۇ، ئۇ 30 مىڭ يۈەننى جايلاپ بولالماي بىر يىلغا يېقىن بولغاندا، ئۇ قىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى ئۇقۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىپتىكەن.

-بەلكىم شۇ قىزدىن يۇقۇملانغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. خالىسا شۇ قىزنى تېپىپ تەكشۈرتۈپ باقسا بولغىدەك، شۇ چاغدا كىمدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولۇشى مۇمكىن.

-ئۇنى تېپىپ مەن سەندىن يۇقۇملىنىپتىمەن، سەنمۇ تەكشۈرت دەپ ئالدىغا بارسا تەكشۈرتسىغۇ مەيلى، ئەكسىچە تەكشۈرتىشنى رەت قىلىپ يولدۇشۇم توغرىلىق ھەممە يەرگە يېيىۋەتسە بىز قانداق بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. بىز توي قىلغاندىن بېرى شۇ نەتىجە چىققۇچە قوغدىنىشسىز بىللە بولغان تۇرساق ماڭا يۇقماپتۇ.  بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەكتۇ!

-سىزگە يۇقمىغانلىقى سىزنىڭ تەلىيىڭىز، شۇنداقتىمۇ قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ، يولدىشىڭىز بىلەن قوغدىنىشسىز بىللە بولماڭ. بىر-بىرسىڭلارنىڭ قېنى، كۆزيېشى ئۆزئارا ئۇچرۇشۇپ ئالمىشىپ قالمىسۇن. يەنە كەيپىياتىڭىز خوشال ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك، ئازاپلىنىپ روھسىزلىنىپ كەتمەڭ.

-بۇنداق ئەھۋالدا خوشال بولاي دەپمۇ بولغىلى بولمايدىكەن. نەچچە ئاجرىشىپ كېتەي دەپمۇ ئويلۇدۇم، لېكىن يولدۇشۇمغا قاراپ ئىچىم ئاغرىدى. ئاجراشسام ئۇمۇ تۈگۈشۈپ كەتكىدەك. ھەم مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.   -مۇھىم مەسىلە يولدىشىڭىزغا روھى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە ئۆزىڭىزنى ئاسراش، سىز بەل قۇيۇۋەتسىڭىز ئەيدىز سىزنىمۇ ئاياپ قويماسلىقى مۇمكىن.

-بەك دىققەت قىلىۋاتىمەن، تور ئارقىلىق قانداق يوللاردىن يۇقۇدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىۋالدىم. شۇنداقتىمۇ ماڭا ۋە بالامغىمۇ يۇقۇپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. بۇ ئىشلارنى ھىچكىمگە بىلدۈرمەي دورا يەپ، تاكى ئۆلۈپ كەتسىمۇ باشقا كېسەل بىلەن ئۆلدى دەپ يۇشۇرغىلى بولارمۇ!

-كىيىنكى ئىشلاردىن بەك غەم يەپ كەتمەڭ، كىيىنچە ئەيدىزنىڭ بىرەر ئامالى بولۇپ قالامدۇ تېخى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بېشى قاتقان ئەيدىز ئەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىزنى داۋالاشتىكى 6 خىل خاتا قاراش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .