كۆزۈمدە لىق ياش قوللىرىم تىترەيدۇ، ئىچ- ئىچىم تىترەيدۇ، بولدى گەپنى بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاي، مەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەسىدىكى ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان 11ياشقا  كىرگەن ۋاقتىمدا دادام تۈگەپ كەتتى، ئانام بىچارە بىز ئالتە بالىنى شۇنداق جاپا- مۇشەققەتتە چوڭ قىلغان ئىدى، كېيىن بالىلارنىڭ چوڭى ئاكام مەلۇم ئورۇندا ھۆكۈمەت مەمۇرىلىقىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىنلا ئانامنىڭ جاپاسى يىنىكلىدى، ئاكام بىز گە ھەم ئاكا ھەم ئاتا بولۇپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ، بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزغا ئىگە بولۇپ ھالىمىز دىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆيلۈك -ئوچاقلىق قىلدى، شۇ قاتاردا مەنمۇ بار ئىدىم


مەن ئىقتىساد سەۋەبىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئىدىم، شۇڭا ئاكام مەن 19ياشقا كىر گەن ۋاقتىمدىلا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى، ئاكام يەنە ماڭا كىرا قىلىپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىمنى قامدىشىم ئۈچۈن ئۈچ چاقلىق موتىسىكىلىت ئېلىپ بەرگەن ئىدى، شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشىمىز بىر ئىزدا داۋام قىلىپ مېڭىۋاتاتتى، شۇ ئارىلىقتا مەن ئۆزۈم يىغقان پۇلغا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بېجىرىۋالدىم، ھايىت-ھۇيىت دېگۈچىلا مېنىڭ بىر -بىرىدىن ئوماق ئىككى قىزىم بولدى. ئاكاممۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ناھايىتى مەسىتلىگى كېلەتتى، ئانامنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە (نېمىسىنى دەي يۈرۈگۈم يېرىلىپ كېتىدىغان بولدى)ئاكام تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى ...

   بولدى بۇ تەپسىلاتلارنى يازمايلا قوياي، شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ يۈكى مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى، ئارىدىن 2يىل ئۆتتى. بۇ موتسىكىلىت كىراكەشلىكى بىلەن ئائىلىنى قامداش مۇمكىن بولمىدى، شۇڭا ئانام ۋە ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ بىر ئىش قىلماقچى بولدۇم، موتسىكىلىتمنى ساتتىم ۋە يىغىپ قويغان ئازراق پۇلۇمنى قوشۇپ، 5000كوينى يانچۇقۇمغا سېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم ، نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي 10كۈنچە چۆگىلەپ يۈردۈم، ئاخىرى بىر شەخسىي شىركەتنىڭ ماشنىسىنى ئايدا مىڭ يۈەندىن بېرىدىغانغا كېلىشىپ ھەيدىدىم ھەمدە شۇ يەردە ئىشلىگەچ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاكسى ھەيدەش ئىجازەتنامىسىنى ئوقۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن ئۆزۈم بىر تاكسىنى ئىجارىگە (5000كوي زاكالەت قويۇپ )ئالدىم مانا ئەمدىلا مېنىڭ نېنىم پۈتۈن بولغان ئىدى، ئايالىم، بالىلىرىمنىمۇ قېشىمغا ئەچىقىۋالدىم، ئانامنىڭ قېشىدا باشقا قېرىنداشلىرىم بار ئىدى، ئانامغا ھەرئايدا مىڭ كوي ئەۋەتىپ تۇردۇم، تۇرمۇشۇم تەرتىپلىك خۇشال ئىدى، كۆڭلۈمدە دۇنيادا مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئارىدىن  2يىل ئۆتۈپ بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قىيىنئانامنىڭ ئاغرىپ قېلىشى سەۋەپلىك ئايالىم بالىلىرىمنى ئېلىپ يۇرتقا كەتتى ۋە نەچچە كۈندىن كېيىن تېلېفون قىلىپ قىيىنئانامنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، پۇل لازىملىقىنى ئېيتتى. دەرھال كارتىدىكى يەتتە مىڭ يۈەننىڭ ھەممسىنى ئالدىم ھەممسىنى سېلىۋەتمەكچى بولۇپ ئويلىنىپ توختاپ قالدىم، توختا ئىككى مىڭ كوينى ئېلىپ قالاي دەپ ئويلاپ بەشمىڭ كوينى ئايالىمغا سېلىۋەتتىم. پۇلنى ئېلىپ قېلىشىمدا باشقا سەۋەپمۇ يوق ئىدى، پەقەت كېيىنلىكنى ئويلاپلا ئېلىپ قالغان ئىدىم... 

    شۇ كۈنى كەچلىك ئىسمىنادا سائەت 9-10لار ئەتراپىدا ماشنىغا بىر قىز چىقتى ۋە 2- دوختۇرخانا ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، يىتىپ كەلدۇق ئۇ بىر ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىنى ساتىدىغان دۇكانغا كىرىپ تېزلا يېنىپ چىقتى داۋەن تەرەپكە ماڭدۇق ئۇ كىچىككىنە سۇلياۋ خالتىدىن قاپقارا، قارىماققا ئۇيغۇر دورىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئېلىپ سۇ بىلەن يېرىمىنى يەۋەتتى، نېمىلىكىنى سورىسام مەجۈن دېدى. مەجۈننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. نېمىشقا يەيدىغانلىقىنى سورىدىم. سىز يەپ باقمىغانما؟ بۇ دېگەن نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ. ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدۇ، ياخشى نەرسە بۇ دەپ ماختاپ كەتتى. دېمىسىمۇ شۇ كۈنى كۈندۈزدە بانكىغا بارىمەن پۇل ئالىمەن، سالىمەن دەپ ئۇخلىيالمىغان بولغاچقا كەيپىياتىم ئىنتايىن تۆۋەن ۋە چارچاپلا تۇراتتىم، قىزىقىپ قالدىم قانچە پۇل بىرسى دەپ سورىدىم، 10كوي دېدى ئۇ يەپ باقاي دەمسىز؟ شۇنداق قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن. مەڭ ئەمىسە ماۋۇنى يەپ كۆرۈپ بېقىڭ. ھەي بۇ بۇنداق قىلسام قانداق بولا دېدىم خىجىل بولۇپ. ئېلىۋىرىڭ خاتىرجەم بولۇڭ كىرا پۇلىغا ھىساپلىمايمەن دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپلا يەۋەتتىم داۋەنگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. ئۇ ماڭا ئۇستام مۇشۇ يەردە 5مىنۇت ساقلاپ تۇرغان بولسىڭىز كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ خەلق كىنوخانىسىغا باراتتىم دېدى ۋە بۇ 50كوي زاكالەت  تۇرۇپ تۇرسۇن دەپلا 50 يۈەننى تاشلاپ قويۇپ ماشنىدىن چۈشۈپ بىر تار كوچىغا كىرىپ كەتتى. ئارىدىن 20مىنۇتلار ئۆتتى، پۇل ھېساپلاش سائىتىدە 23 يۈەن پۇل كۆرۈندى، ئەستا نېمانداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ پەسكە چۈشتۈم ۋە ياندىكى دۇكاندىن بىر بوتۇلكا سۇ ئېلىپ ماشنىغا قايتىپ چىقتىم، سۇنىمۇ ئىچىپ بولدۇم يەنە يوق، چۈشۈپ قاراپ باقماقچى بولدۇم، ماشنىدىن چۈشۈپلا دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم، بۇ نېمە ئىش ئەمدى، بېشىم قېيىۋاتاتتى، ئاستىلا ماشىنىغا چىقىۋالدىم، قورقۇپ كەتتىم مەن نېمە بولغاندىمەن، بىر ئازدىن كېيىن ئۇ پەيدا بولدى، ماڭايلى ئۇستام دېدى چىرايىمغا بىر قاراپ قويۇپ. مەن بېشىمنىڭ قېيىۋاتقانلىقىنى، ماشىنا ھەيدىسەم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا قاراپ ساپتىمەن، كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئەمسە قانداق قىلساق بولار دېدى ئۇ كۆزۈمگە مەنىلىك تىكىلىپ. شۇنداق قىلىپ ئۇنى بۇنى دېيىشىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كېتىدىغان بولدۇق، ئۇنىڭغا 300يۈەن بەرمەكچى بولدۇم. بۇ مېنىڭ تارىخىمدا تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم خاتا يولغا مېڭىشىم ئىدى.  بىراق بۇ تۇنجى قېتىملىق خاتا قەدەمنىڭ مېنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ تەقدىرىنى ۋەيران قىلىدىغىنىنى بىلمەپتىمەن. بولمىسا شۇ كۈنى مەن گاندون  ئىشلەتكەن ئىدىم، بىراق تەلىيىمنىڭ كاجلىقى ئۇ نەر سە يىرتىلىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۆزۈمگە مىڭ لەنەتلەرنى ئوقۇپ ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈممۇ قورقۇپ ئۆزۈمنى تىڭشاپ يۈردۈم شۇ ئىش بولۇپ 20كۈندىن كېيىن ئۆزۈمنى تەكشۈرتتۈم ، ساق چىقتىم، خۇداغا شۈكۈر دېدىم. بىراق ئارىدىن 4ئاي ئۆتكەندە مەندە ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ، تەكشۈرۈتۈشكە پېتىنالماي ئاخىرى 2كۈننىڭ ئالدىدا تەكشۈرۈتۈپ جاۋابىنى ئالدىم، مەن ئەيدىز ئىكەنمەن، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم. ھازىر مېنى ئەڭ ئازاپلاۋاتقان بىر ئىش، بۇ كېسەل مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يۇۋاش، ئەڭ ساددا ، ئەڭ سۆيۈملۈك  ئايالىمغىمۇ يۇقۇپتۇ، بۇنى ئويلىساملا ھازىرلا ئۆلۈۋالغۇم كېلىدۇ. بىراق مەن ئۆلۈۋالسام ئايالىم قانداق قىلىدۇ؟ بالىلىرىم قانداق قىلىدۇ؟ ئانام قانداق قىلىدۇ؟ بۇ ئىشنى ئايالىم بىلمەيدۇ، ئېيتىشقا پېتىنالمايمەن .......

     مېنىڭ تېخى نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلىرىم بار ئىدى، كىچىك ئىنىمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتماقچى ئىدىم. ئىككى قىزىمنى ياراملىق ئۇيغۇر قىزى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقماقچى ئىدىم. ئانامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىپ ئانامغا ياخشى يىگۈزۈپ، كەيگۈزۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى ئىدىم. باشقا قىز قېرىنداشلىرىمىنڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ ياخشى يەرگە ياتلىق قىلىپ ئۇلارغا بەخىت ئاتا قىلماقچى ئىدىم . ئايالىم 14 يىل مېنىڭ جاپايىمنى تارتتى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنۈپ، ياخشى ئەر كۆيۈمچان دادا بولماقچى ئىدىم . ئۆيىمىز بەك كونىراپ كەتكەن يىڭى ئۆي سالماقچى ئىدىم ...يەنە نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلىرىم بار ئىدى، شۇلارنى بىر-بىرلەپ قىلماقچى ئىدىم ئەپسۇس ، ئەپسۇس، مېنىڭ ھاياتىمدىكى بىر خاتا قەدەم تۈپەيلى .......ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتالمايمەن ، يۇرتۇمغىمۇ قايتالمايمەن . مەن ئۆلۈپ تۈگەشسەملا مەيلى ئىدىغۇ ؟ بىراق ئايالىمدا نېمە گۇناھ، ئۇنىڭغىمۇ يۇقۇپتۇ . ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟ قايسى بىر ئىشنى ئويلاي، ئايالىمنى ئويلايمۇ ؟ ئانامنى ياكى بالىلىرىمنى ، قېرىنداشلىرىمنى ئويلايمۇ ؟ بالىلىرىم كېيىن قانداق قىلار ؟ ئەيدىزنىڭ بالىسى دەپ چەتكە قېقىلارمۇ ؟ بىچارە ئانام بىرئوغلىدىن ئايرىلىپ ئاران تۇرغاندا يەنە بىر سىدىن ئايرىلسا بەرداشلىق بىرەلەرمۇ ؟ مەن بۇ ئەيدىزنى مەندىن بەكمۇ يىراقتا دەپ ئويلايتىم، ئۇنى ئاق چېكىدىغانلار ئارىسدا ،  بەچچىۋازلار ئارىسىدا، پاھىشەلەر ئارىسدا دەپ ئويلايتىم . قېرىندىشىم  دوستۇم مەندىن ئىبرەت ئېلىڭ . ئەخلاقتىن ھالقىماڭ ، بىر قېتىملىققا نېمە بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ، گاندۇن ئىشلەتسە ھېچنىمە بولمايدۇ دەپ ئويلىماڭ .

ئەمدى ئاخىرىدا يەنىلا ياردەم تەلەپ قىلىمەن ، بىلىدىغان دوستلارنىڭ ماڭا يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن . مەن قانداق قىلسام بۇ ئىشلارنى يۇرتۇمغا ،ئانامغا ئۇقتۇرماي ئۆتۈپ كېتەلەيمەن .ئايالىمغا دېگىنىم مۇۋاپىقمۇ ياكى كېيىنرەك پەيتنى تاللاپ دېگىنىم مۇۋاپىقمۇ ؟ كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرسام مۇۋاپىق بولىدۇ ؟قانداق قىلسام يۇرتۇمغا ئۇقتۇرماي ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز داۋالىشىغا ئېرىشەلەيمەن ؟

 دوستۇم بۇ بىر ھەقىقىي ۋەقە ، ھاياتتا ئازمايدىغان ئىنسان يوق .مېنى ئەيىپلىمەڭ، مەن ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ بىر يەرگە ئاپاردىم، مەن تەسەللىيگە ، ياردەمگە مۇھتاج ... 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىز كېسەللىكى ۋە ئەخلاق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىز توغرىسىدا دىلشات ياقۇپنى زىيارەت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .