خەتنە قىلىش ئادىتى خەلقىمىزدە ئۇزۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە بولۇپ، بۇرۇندىن مەخسۇس خەتنىچى ئۇستاملار ئوغۇل بالىلارنى خەتنە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يېزا-بازارلاردا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ياكى يەنە بۇرۇندىن خەتنە قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇستاملارنى تەكلىپ قىلىپ خەتنە قىلدۇرىۋاتقان ئەھۋاللار ھازىرمۇ بار بولغاچقا، ئۇستىرا-پىچاقلارنى دېزىنفىكسىيە قىلىش ھەم ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە مەسئۇلىيەتچان بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا، قان ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىزنىڭ خەتنە قىلىش ئارقىلىق يۇقۇپ-تارقىلىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ

شۇنداقلا، خەتنە يېشىغا توشقان بالىلاردىن بىرنەچچىنى بىر ئۆيگە يىغىپ، ئارقا-ئارقىدىن بىراقلا خەتنىسى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق بولمىغاچقا، ناۋادا ئاشۇ بالىلارنىڭ بىرەرسىدە يېقىندا لاياقەتسىز خۇسۇسى ئامبۇلاتۇرىيەلەردە ئالماشتۇرۇلمىغان يىڭنىلەر بىلەن ئۇكۇل ئۇرۇش، دوختۇرخانىلاردا قان تەكشۈرۈش ياكى قان بىرىش، زەھەر چېكىدىغانلار تەرىپىدىن كوچىلارغا قالايمىقان تاشلىۋېتىلگەن ئىشپىرىسلارنى ئويناپ يۈرۈپ سانجىلىپ كېتىش، ئۇششاق بالىلارنىڭ ئويناپ يۈرۈپ بىر-بىرسىنى چىشلىۋېلىش دېگەندەك قىلمىشلىرى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەن بولسا، شۇنداقلا تۇغما ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھەم ۋىرۇسقا قارشى دورا يەۋاتقان، مەخپىيەتلىك بويىچە بۇ بالىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى باشقىلارغا ئاشكارىلانمىغان بولسا، شۇ بالىنىمۇ باشقا تەڭتۈش بالىلار بىللە خەتنىسىنى قىلىۋېتىش جەريانىدا، ئاقىۋەت بۇ بالىلارنىڭمۇ خەتنە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. 


چۈنكى، بىر قىسىم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرىدىكى ھېچقانداق خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ، سەۋەبىنى بىلەلمەي قالىدىغان يۇقۇملىنىشقا دۇچار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، خەتنە قىلىش جەريانىدىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشقا نىسبەتەن قاتتىق دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېزا-بازارلاردا مانا مۇشۇنداق بىر نەچچە بالىنى بىر خەتنىچى ئۇستام ئارقا-ئاقىدىن بىر ئۇستىرا بىلەن خەتنە قىلىشتىن ئاۋال، ئۇ بالىلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ باقىدىغان ئىشلار ئېلىپ بېرىلمايدۇ. خەتنىچى ئۇستام خەتنىسى بىر ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىدىغان ئۇ بالىلانىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە بار دەپمۇ ئويلاپ كەتمەيدۇ. شۇنداقلا، ئەنە شۇنداق خەتنە قىلىشنى بىلىدىغان دوختۇرلۇق سالاھىتى يوق سەييارە ئۇستاملارنىڭ بۇ بالىلارنىڭ بىرەرسىدە ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇشى مۇمكىن دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىشىمۇ ناتايىن. 

شۇڭا، ھازىرمۇ يېزا-بازارلاردا بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىدىغان ئەنە شۇنداق دوختۇر ئەمەس سەييارە خەتنىچى ئۇستاملارنىڭ بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىدە بىرنەچچە تەڭتۈش بالىنىڭ خەتنىسىنى بىللە قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، خەتنە قىلىش ئارقىلىقمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى كىشىلەرگە، جەمىيەتكە بىلدۈرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئادەم ئەيدىزدىن بىر يۇقۇملاندىمۇ، ھازىرقى شارائىتتا مەڭگۈ تەل-تۆكۈس ساقىيىپ كېتەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلانسا مەكتەپتە ئوقۇشى، بالىلار بىلەن نۇرمال ئويناپ تەڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتقانلىقى جەمىيەتتە يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، ئەنە شۇ خەتنىسى قىلىنغان ئوغۇل بالىلار چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندە، ئۆيلىنىش، بالىلىق بولۇش جەھەتتە ئەيدىز سەۋەپلىك قىيىنچىلىق، دەرت-ئەلەمگە ئۇچرايدىغانلىقىمۇ كىشىلەرگە نامەلۇم ئەمەس. 

قىسقىسى، خەتنە قىلىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ دېگەن بىلەن، ئەمما، بىرەيلەننىڭ بولسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى ھېچقايسىمىز خالىمايمىز. شۇنداقلا، ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى مانا مۇشۇنداق بىر ئۇستامنىڭ بىر ئۇستىرا بىلەن كوللىكتىپ خەتنە قىلىشىنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىكى خەتەرلىك قىلىمىش ئىكەنلىكىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز. 

شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغاندا، ئۆلچەملىك دوختۇرخانىلارغا بىرىشىنى، لاياقەتلىك دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىشىنى، دەۋرىمىزدىكى خەتنە قىلىشنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى شارائىتلىرىدا، يەنىلە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان خەتنىچى ئۇستاملارنى تەكلىپ قىلىپ، خۇددى قاسساپلارنىڭ بىر ياندىن قوي بۇغۇزلىغىنىدەك، بالىلارنىڭ خەتنىسىنى بىرياندىن بىراقلا قىلىدىغان نادانلىقنى داۋاملاشتۇرماي، كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

دېمەك، خەتنە قىلىش ئارقىلىقمۇ ئەيدىزنى يۇقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، قان بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئۇستىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىز ۋە ئاتا-ئانىلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېنىڭ ئەيدىز دادام توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .