4-ئايدا مەملىكىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار 1023 گە يەتتى

4-ئايدا مەملىكىتىمىزدە يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن قازا قىلغانلار 1285 ئادەم، ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار %79.6 ئىگىلەيدۇ

4-ئاينىڭ11-كۈنى، دۆلەت سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئورگان تورىدا 4-ئايلىق مەملىكىتىمىزدىكى قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا مەملىكىتىمىزدە قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن قازا قىلغانلار 1285 ئادەم، ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار 1023 ئادەم.        

      دوكلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24 كىچە (شاڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلدىن 635 مىڭ 690 نى دوكلات قىلىنغان، 1285 ئادەم قازا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلدىن چۇما قوزغالغانلار يوق، قازا قىلغانلار يوق. قوزغالغان خولېرا يوق، قازا قىلغانلار يوق. B تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن سارىس، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى، بوغما تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلاردىن قوزغالغان ۋە قازا قىلغانلار يوق. B تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدىكى 22 خىل كېسەلدىن جەمئىي 303 مىڭ 684 سى قوزغالغان، 1259 ئادەم قازا قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېسەل قوزغىلىپ قازا قىلىدىغانلار ئالدىنقى بەش خىل كېسەل بولسا ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، سىفىلىس، سوزنەك، ئاميوبالىق دىزىنتېرىيە قاتارلىقلار. بۇلار B تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ %92 نى ئىگەللەيدۇ.                 

 

 

 ئوخشاش مەزگىلدە، C تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەلدىن 349 مىڭ 994 قېتىم قوزغالغان، 26 ئادەم قازا قىلغان. فىلارىئوز كېسەللىكىدىن قوزغالغان ۋە قازا قىلغانلار يوق. كېسەل قوزغىلىشى ئالدىنقى ئۈچ كېسەل بولسا قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى، باشقا تۈردىكى يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق زۇكام. بۇ ئۈچ خىل كېسەل C تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ %95 نى ئىگىلەيدۇ.                

دۆلەت سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئورگان تورىدا ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھايات يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرى 575 مىڭ ئادەم، قازا قىلغانلار 177 مىڭ ئادەم.      


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەھەر چېكىش قايسى خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىز ۋە قىزىق لېنىيەلىك تېلىفۇن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .