ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقتۇرۋالغۇچىلار بىلەن گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇليىتى قايسىلار ؟

       1) ئەيدىز كىسىلى يۇقتۇرۋالغۇچىلار بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىپ ، يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرشىغا ئەمەل قىلىش لازىم .

        2) ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار توي قىلىش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش كېرەك . ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقتۇرۋالغۇچى توي قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ئىككى تەرەپ تىببىي ئىلمى بويىچە بىرىلگەن مەسلەھەتنى قۇبۇل قىلىش كېرەك .

        3) ئۆزىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقتۇرۋالغانلىغىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ، مەخسەتلىك ھالدا باشقىلارغا يۇقتۇرسا قانۇن بويىچە جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتە قىلىندۇ .

        4) ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقتۇرۋالغانلار بىلەن ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلا قان ، ئىسپىرما نەيچە ، تۇقۇلما ۋە ھۈجەيرە تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن جەمئىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىزنىڭ شىنجاڭدىكى تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .