ئەيدىز كېسىلى دۇنيادا ھەم دۆلىتىمىزدە تارقىلىش ئەھۋالى

         1 . دۇنيا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيتى قانداق ؟

         1981 - يىلى ئامېركا تۇنجى بولۇپ ئەيدىز كىسىلىنى بايقىغاندىن بۇيان ، ئەيدىز كىسىلى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى . گەرچە ئىنسانلار ئەيدىز كىسىلى بىلەن 20 نەچچە يىل كۈرەش قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ھازىرغا قەدەر يەنىلا بۇ كىسەلنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىنى يوق .

              2002 - يىلى 12 - ئايغا قەدەر پۈتۈن يەر شارىدا 60 مىليۇن ئادەم ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ ، 12 مىليۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كىسەللەر ھايات ياشاۋاتقان بولۇپ ،20 مىليۇن ئادەم ئەيدىز كىسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان . بۇنىڭ %95 تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ ، ئادەم سانى تىز كۆپىيىۋاتىدۇ .

                2002 - يىلى بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن يوقۇملانغۇچىلار 5 مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ ، مۆلچەرگە قارىغاندا ھازىر كۈنىگە 1400 ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملىندىكەن . بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئەيدىز كىسىلى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالغان .


         2 . دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى قانداق ؟

         1985 - يىلى دۆلىتىمىز تۇنجى بولۇپ ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىغا دىئاگىنۇز قۇيۇلغاندىن تارتىپ ، 2002 - يىلنىڭ ئاخىرغا قەدەر مەمىلكەت بويىچە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى يۇقتۇرۋالغانلار 40560 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 2639 غا ، ئۆلگەنلەر سانى 1047 گە يەتكەن .مۇتەخەسسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ئلىمىزدە ئەمىلى ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى يۇقتۇرۋالغانلار سانى 1 مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا ، يۇقۇملىنىش نىسپىتى ئېشىپ كەتكەن .

          دۆلىتىمىزدە ھازىر يەنىلا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش تۆۋەن مەزگىلدە تۇرغان بولسىمۇ لىكىن ، دۆلىتىمىز نۇپۇس ئاساسى سانى كۆپ بولغاچقا ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا ،ئەيدىز كىسىلىنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋەزىيىتىدىن خوشال بولۇپ كېتىشكە بولمايدۇ .

         مۇتەخەسسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئەگەر پائال تەدبىر قوللانمىغاندا ، 2010 - يىلغا بارغاندا جۇڭگو ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىليۇنغا يىتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆسمۈرلەرنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن قوغداپ قېلىش چارىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن جەمئىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .