■ ئۆسمۈرلەرنى جىنسىي ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا،‹‹ رەت قىلىشقا››يېتەكلە

 

■ ئۆسمۈرلەرنى جىنسىي ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا،‹‹ رەت قىلىشقا››يېتەكلەش كېرەك.بەزى كىشىلەر ئۇلارغا سوۋغا ياكى باشقا نەرسىلەرنى بېرىش ئارقىلىق بالىلار بىلەن جىنسىي سودىسى قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى،ھىچقانداق پايدىنىڭ يوقلىقىنى، ھاياتىنى دوغا تىكىشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك .

■ بالىلارغا ئۆمۈرلۈك ھەمرايىنى تاپقاندىن كېيىن ، بىر – بىرىگە سادىق بولغاندىلا، ئاندىن جىسىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدىغانلىقى ، پەقەت مۇشۇ يولنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك .

■ بالىلارغا ناۋادا مەلۇم بىر ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا ، دەرھال نەق مەيداندىن چىقىپ كېتىش، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى بىلەن بىرگە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك .

■ ئەگەر سىز بىر قىسىم شوخ بالىلارنىتونىسىڭىز ، ئۇلارغا ئەيدىزنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك ھەمدە ھەر قېتىملىق جىسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشى كېرەك .  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىز كېسىلى دۇنيادا ھەم دۆلىتىمىزدە تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .