ئادەتتە 14 ياشتىن ئاشقان ئۆسمۈرلەر زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، خەتەرلىك جىنسىي ھەرىكەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ ئوغۇللار زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ

 

بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە  يۇقىرى بولىدۇ.4tLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   بىئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى ۋە بىلىملىرى كەمچىل قىزلار جىنسىي يول ئارقىلىق ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن.4tLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرلا ئەمەس، 19ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلارمۇ ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. بۇ مەزگىلدىكى ياشلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي ھەمراھلىرى كۆپ، زەھەر چېكىش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ %60ى 15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىكەن.4tLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

   مۆلچەرلىنىشىچە، 2004 – يىلىغىچە دۇنيادا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يېتىم بالا 20 مىليونغا يېتىدىكەن. 2010 – يىلىغا بارغاندا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يېتىم بالا 25 مىليونغا يېتىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاش لازىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆسمۈرلەرنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن قوغداپ قېلىش چارىسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .