ياش-ئۆسمۈرلەرگە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ھەقىقىي زىيىنىنى ئاشكارا چۈشەندۈرۈش لازىم پارلاق ئىستىقباللىق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولسۇن

               زەھەرلىك چېكىملىكنى مەنئى قىلىش تەربىيىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش زۆرۈر . ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ھەقىقەتەن بار . دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى ، ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنىڭ %80 تىن كۆپرەك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ، جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكىنىگە 2-3يىل بولغان ياشلار .

 

ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىككى ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ . مۇشۇ خەتەرلىك باسقۇچنى ئوبدان تىزگىنلىگەندىلا ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى قانۇننىڭ قۇنقۇزۇشىغا تاپشۇرۇپ ، يېڭىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەرنى تىزگىنلىسەك ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ خەلق ئارىسىغا ، جەمئىيەتكە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى مەنئى قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ھالقىسىنى مۇستەھكەملىگەن بولىمىز .

ھەقىقىي گەپنى قىلغاندا ، ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ھېچىكىمنىڭ كارى بولمايدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇش ، تەربىيىلىنىش مەزگىلىدە ، ئۇلارغا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش ، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تازىلاش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش توغرىسىدا ، زەھەرلىك چېكىملىكنى تازىلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
 
               جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش بىر رېئاللىق . بۇ رېئاللىقنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
 
               زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى مۇنتىزم ، ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر بولۇشى كېرەك ، تەربىيىنىڭ چوڭقۇر ، ئەتراپلىق بولغان-بولمىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ، زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆمۈرۋايەت زەھەرلىك چېكىملىككە يېقىن يولىمايدىغان قىلىش ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، ئەۋلادتىن ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ، ئۇنى ئومۇمىي خەلق بىلىمىگە ئايلاندۇرۇش .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .