قانۇنلۇق ئەر-ئايال ، ئىككىلا تەرەپتە ئەيدىز كېسىلى گىرىپتار بولمىغان ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىر بىرىگە سادىق بولسا ، بۇ چاغدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت بىخەتەر بولىدۇ لېكىن تويدىن بۇرۇن ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئوغۇل قىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت بىخەتەر

             چۈنكى تويدىن بۇرۇن ، قانۇن قىز ئوغۇل ئارا مۇناسىۋەتكە تورمۇزلاش ، چەكلەش رولى بولمايدۇ ، ھەمدە ئىدىيە-ئەخلاق نىڭ چەكلەش رولى ياشلارغا نىسبەتەن چەكلىك بولغاچقا ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتە ئىككىلا تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئالغىسى كەلمەي قالىدۇ .



              بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىت داۋالغۇش ئەڭ ئېغىر ۋاقىت ، شۇڭلاشقا بۇنداق ۋاقىتتىلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش  ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالسا ، ياكى ئاستىرتتىن باشقىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ، بۇ ئەمەلىيەتتە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ . بۇنداق قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىنىڭ يۇقىرى خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى .

                  شۇڭلاشقا ياشلار ،ھەرقانچە بىر بىرىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرسۈن ، پەقەت توينىڭ ئالدىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىسىلا ، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە ، ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ ھەمدە  تويدىن كېىينكى تۇرمۇش ياخشى بولىدۇ .

                  بەزى كىشىلەر ئاگاھلاندۇرۇشنى قوبۇل قىلمىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟

                  كەچۈرۈڭ ، بىر قىسىم كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانغا ئوخشاش ، بىز ھەممە كىشىلەرنى قايىل قىلالىشىمىز ناتايىن ، لېكىن ئەقلى بارلا كىشىلەر ، ئۆزىنى ، ھاياتىنى ، ھەم كەلگۈسىدىكىنى كۆزلىسە ، ھەم كۆرەلىسە ، چوقۇملا ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلايدۇ .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يالماۋۇز << ئەيدىز >> ئالىي مەكتەپلەرگە قىستاپ كەلمەكتە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نىمە ئۈچۈن ئەيدىز قىزلارغا ئاسان يۇقىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .