بۇندىن بىر يىل مۇقەددەم يەنى 2005 - يىلى 7 - ئايدا، سەھىيە مىنىسترلىقىنىڭ باياناتچىسى ماچۈنئەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن < ئەيدىز ۋە مېدىيىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى > دېگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: >

        بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بەھس- مۇنازىرىسى قايناپ كېتىدۇ. بەزىلەر : < ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپى دېيىشتە نەزىرىيىۋىي قىياسقا ئاساسلىنىلغانمۇ ياكى ستاستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىلغانمۇ؟ > دېگەندەك گۇمانىي سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مۇخبىر يولداش ماۋچۈنئەندىن يۇقىرىقى سۆزىنىڭ نىمىگە ئاساسەن ئېيتىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر بىلەن پىكىرلىشىشنى، مۇھاكىمە قىلىشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


        ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى زادى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپىمۇ ئەمەس؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا كۆپۈنچە كىشىلەر باشقىچە كۆز قاراشتا بولسىمۇ، شۇ تەرىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ كۈنسېرى ئېچىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئەيدىز كېسەللىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جىددىي قارىمىسا، ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئاللىقاچان چەتكە قېىقىشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.


        نۆۋەتتە، جۇڭگو جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت شۇكى، ئەيدىز كېسەللىكى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا كىردى. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ستاستىكىسىغا كۆرە، جۇڭگودا ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى30% ئەتراپىدا ئىكەن. دۇنيا مىقىياسىدىن قارىغاندا، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 70% تىن ئارتۇقراقلىرى جىنسىي ئۇچرىشىش يولى ئارقىلىق ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى 25 - 14 ياشىقىچە بولغان ياش ۋە ئۆسمۈرلەردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت كۆز قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ( جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئوخشاش ). بىر تۈرۈلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت ئىچىدىكى 30 - 22 پىرسەنت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ جىنسىي كەچۈرمىشى بار ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر بىزگە مەلۇملۇق بولىمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى جىنسىي كەچۈرمىشى بار بولغان ئوقوغۇچىلار نىسبىتىنى يۇقىرىقى نىسبەت ساندىن بىر ئاز تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ قىياس قىلىشقا بولسىمۇ كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ دېيشىكە بولمايدۇ.


        مېنىڭچە، تېخىمۇ زور بولغان خەۋىپ كۆز قاراشنىڭ ، ئىدىيىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداقمۇ ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قالدى دېگەندە، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ زىيادە ئېچىۋىتىلىشى دەل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك ئامىل .


        ئۇنداقتا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا << ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى >> گە تايىنىش كېرەكمۇ ياكى << كىشىلەرنىڭ ئەيدىز خەتىرىنى ھېس قىلىشى >> غىمۇ؟


        بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز شۇكى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ياخشى بولغان ئۇسۇل. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا پاكىزە بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تۇرغۇزۇش، ئىپپەت - نۇمۇس تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرش، جەمئىيەتتە بولسا نىكاھتىن سىرتىقى جىنسىي مۇناسىۋەتنى ( زىنا ) قاتتىق چەكلەيدىغان ۋە ئەيىپلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش لازىم. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ئاتلىق بو يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاداققى ئۈمىد قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دور ياكى ۋاكىسنىدا ئەمەس، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىدا تېخىمۇ ئەمەس . بەلكى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىي ھاياتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقتا. جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمان - ئېتىقاد، پاكلىق چۈشەنچىلىرىدە! باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىمان - ئېىتقاد، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزنى كونترول قىلىپ، جىنسىي ھاياجانلىنىشنى تېزگىنلەپ، نىكاھدىن سىرت قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەشتە!


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .