ئەخمەت قۇربان ئۈرۈمچى يارپ ئامبۇلاتۇرىيىسىنىڭ زەھەر تاشلىتىش دوختۇرى ، " مەملىكەتلىك خەلق ئىچىدىن چىققان ئون زەھەر چەكلەش ئەربابى "نىڭ بىرى

          " ۋىيەي ، سىز ئەخمەت قۇربان دوختۇرمۇ ؟ مېنىڭ يولدىشىم ئىمىن يەنە زەھەر چېكىۋالدى ، بۇ قېتىم مەن چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىمەن ." بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەخمەت قۇرباننىڭ ئاچچىقى كىلىپ . " بۇ سىزنىڭ ئۇنى ئوتقا ئىتتىرگىنىڭىز بولمامدۇ ؟ " دېدى .
 
             ئەخمەت قۇربان ئۈرۈمچى يارپ ئامبۇلاتۇرىيىسىنىڭ زەھەر تاشلىتىش دوختۇرى ،" مەملىكەتلىك خەلق ئىچىدىن چىققان ئون زەھەر چەكلەش ئەربابى"نىڭ بىرى ، " شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى " .ئۇ 14 يىلدىن بىرى ، زەھەر چەكلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئالدى كەينى بولۇپ ئىككى پارچە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى زەھەر چەكلەش كىتابى نەشىر قىلىندى ............... ئۇ بۇ ئامبۇلاتۇرىينى 2002 – يىلى ئاچقان بولۇپ ،بۇ زەھەر چەكلەشتىن مەسلىھەت بېرىدىغان ئامبۇلاتۇرىيە . 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ، مۇخبىر يارپ ئامبۇلاتۇرىيىسىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئەخمەت قۇرباننىڭ بۇ ئامبۇلاتۇرىيىدە زەھەر تاشلاشتىن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيىسى ئېچىپ ، بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتقان ھالىتىدە كۆردى .
 
             ئەخمەت قۇربان تېلېغۇن ئۇرغان ئايالغا چۈشەندۈرۈپ : " قايتا چېكىش ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ تېخى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنىشىڭىز كېرەك ، ئائىلە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك ، شۇندىلا ئۇ ئىرادە تىكلەپ زەھەردىن يىراق تۇرالايدۇ " دېدى .يىرىم سائەت سەۋىرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ،ئۇ قارشى تەرپنىڭ ، مەن ئەمدى بۇنداق خىياللاردا بولمايمەن ، دېگەن گىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا خاتىرجەم بولۇپ تېلېغۇننى قويدى .
 
             ئىمىن بولسا ئەخمەت قۇربان بۇرۇن داۋالىغان زەھەر چەككۈچى . ئەخمەت قۇربان : « تىببىي ئىلىم جەھەتتىن ئېيتقاندا ،دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى كېسەلنى فىزىئولوگىيە جەھەتتىن داۋالاش ، بىراق زەھەر چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، پىسخولوگىيە جەھەتتىن داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، ياخشى داۋالىمىسا قايتا چېكىۋىلىش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ بولىدۇ ،مۇشۇنداق چاغدا ئەگەر ئائىلە مېھىردىن ئايرىلسا ، زەھەر تاشلاش ئىرادىسى يوق بولۇپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا دوختۇرنىڭ زەھەر چەككۈچىنىڭ ئائىلىسدىكىلىرىگە نەسىھەت قىلشى مەسئۇلىيىتى بار . » دېدى .
 
             14 يىلدىن بىرى ، ئەخمەت قۇربان نۇرغۇنلىغان زەھەر چەككۈچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە ياردەم بەردى .ئەخمەت قۇربان بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4- دوختۇرخانىنىڭ زەھەر چەكلەش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى .ئۇ 1992-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ بۇ دوختۇرخانىغا تەقىسم قىلىنغان، شۇندىن باشلاپ  ئۇ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە كىرىشكەن.
 
             شىنجاڭ بولسا جۇڭگو زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتىنىڭ ئاپەت رايونى ، ھەم يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ، ئەخمەت قۇربان خىزمەت قىلىدىغان زەھەر چەكلەش بۆلۈمىگە ھەر يىلى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت بىمارلىرى كىلەتتى . ئۇ ھەر قېتىم زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ بوشۇشۇپ كېتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قايتا چېكىۋىلىشىنى كۆرۈپ ، ئۆززېممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى .ئۇ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ، دورا ئارقىلىق زەھەر تاشلاتقۇزۇش بىلەن قىرىنداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى بىرلەشتۈرۈپ ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىپ ، زەھەر چەككۈچىگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى . ئەخمەت قۇرباننىڭ داۋالىغان كېسەللىرى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، قايتا چېكىۋىلىش ئەھۋالى ئاساسەن يۈز بەرمىدى . بۇ ئەخمەت قۇرباننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى .
 
             ئۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا يېزىلغان زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنىڭ ئازلىقىنى بايقىدى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ ، 1995-يىلدىن باشلاپ ، تۆت يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، ئۇيغۇرچە « زەھەر چېكىملىكىنى چەكلەش بىلىملىرىدىن سوئال-جاۋابلار» بىلەن «خېروئىن» دېگەن ئىككى پارچە كىتابنى يېزىپ چىقتى . ئۇ ئۆز يىنىدىن 60 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ، بۇ ئىككى كىتابتىن 30 مىڭدىن باستۇرۇپ ، ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقسىز تارقاتقان . بۇ كىتاب رايونىمىزدا ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنىڭ ئاز بولۇشتەك بوشلۇقنى ئورنىنى تولۇقلىدى . « خېروئىن » ناملىق كىتاب ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ زەھەر چەكلەشتە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم كىتابى بولۇپ قالدى .
 
             ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى زەھەر چەكلەش خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇ 2002- يىلدىن باشلاپ ، ھەر يىلى "شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى" بولۇپ ، خىزمەتگە بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . ئۇ ھەر يىلى ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەر خىل زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى باستۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ئاممىغا تارقىتاتتى .
 
             ئۇنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى زەھەر چەكلەش خىزمىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، 2002-يىلى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ، پۈتۈن زېھىنى بىلەن زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى . ئۇ يارپ زەھەر چەكلەشتىن مەسلىھەت بىرىش ئامبۇلاتۇرىيىسىنى قۇردى ، ھەمدە شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇرچە زەھەر چەكلەش ھەقسىز قىزىق لىنىيسى (0991-2865305,0991-8537631)   ئاچتى ،ئىقتىساد كەمچىل بولغانلىقتىن قىيىنچلىقلار كۆپ بولدى ، بىراق بۇلار ئەخمەت قۇرباننىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى .
 
             بۇ يىل ئەخمەت قۇربان مەملىكەتلىك خەلق ئىچىدىن چىققان ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى . ئەخمەت قۇرباننىڭ يەنە نۇرغۇن ئارزۇلىرى بار ،ئۇ شۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كېچە-كۈندۇز تىرىشماقتا .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا غۇلجىدىكى ئەيدىز مۇلازىمەتلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دۇنيادا 1.8مىليون بالىلار ئېزىلىش ئىچىدە ياشىماقتا. توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .