بىرىنچى: مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش تۈرى1 تۈر مەقسىتى:مېتادون (خەنزۇچىسى: Mei sha tong

 بىرىنچى: مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش تۈرى

1. تۈر مەقسىتى: 
مېتادون (خەنزۇچىسى: Mei sha tong美沙酮) بىلەن قامداپ داۋالاش ئارقىلىق، توموردىن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئازايتىپ، ئۇلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ، شۇنداقلا قان ئارقىلىق يۇقىدىغان باشقا كېسەللەر (B تىپلىق ۋە Cتىپلىق جىگەر ياللۇغى) نىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكىتىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. 
 
2. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى: 
- ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇلغانلار ياكى بىر قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنلەر؛ 
- يېشى 20 ياشتىن چوڭ بولغانلار؛ 
- تولۇق قانۇنىي ھەق- تەلەپ ئىقتىدارى بولغانلار؛ 
 
3. قەدەم-باسقۇچلىرى: 
بىمار(زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى) مېتادون ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ تاللىشىدىن ئۆتىدۇ، ئاندىن سىياسىي- قانۇن كومتېتى ياكى مەھەللە ئىش باشقارمىسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئامبولاتورىيىدە بەدەن تەكشۈرىتىدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارغا داۋالىنىش كارتۇچكىسى تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، داۋالاشنى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ. 
 
4. مۇلازىمەت ئورنى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 
غۇلجا شەھەرلىك مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبولاتورىيىلىرى 
بىرىنچى ئامبۇلاتورىيە: ۋاڭ ۋىنتىڭ تېلېفون: 8350585 (غۇلجا قارادۆڭ يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ يېنىدا) 
ئىككىنچى ئامبۇلاتورىيە: ۋاڭ جىچاڭ تېلېفون: 8035027 (غۇلجا خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا) 
 
 
 
 
ئىككىنچى: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش (ART) 
 
1. تۈر مەقسىتى: 
ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار ئارقىلىق، ئەيدىز بىمارىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا قارىتا بۇزغۇنچىلىقىنى تۆۋەنلىتىش. بىمارنىڭ تۇرمۇش ۋە بەدەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆمىرىنى ئۇزارتىش. 
 
2. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتلىرى: 
- ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت (+) بولۇپ جەزىملەنگەنلەر، يەنى يۇقۇملانغانلار. 
- CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 350 دىن تۆۋەن بولغانلار ياكى مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغانلار. 
 
3. قەدەم-باسقۇچلىرى: 
شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (فاڭيىزەن) دە قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەنلەر CD4 ھۈجەيرىسىنى تەكشۈرۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. شەھەرلىك ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش مەركىزى بەدەن تەكشۈرۈپ، كېسەللىك تارىخى تۇرغۇزۇپ، مۇتەخىسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرسىگە بېرىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارارىدىن ئۆتسە، شۇ مەركەزدە ۋىرۇسقا قارىشى داۋالانسا بولىدۇ. 
 
4. مۇلازىمەت ئورنى: 
غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەركىزى 
ئالاقىلاشقۇچى: ۋاڭ جىچاڭ گۈلىستان تېلېفون: 8035027 
 
غۇلجا شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
تېلېفون: 8244321 
 
غۇلجا شەھەرلىك شىنخۇا دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
تېلېفون: 8024158 
 
قورغاس ناھىيىلىك جياڭسۇ دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
تېلېفون: 3029693، 8567986 
 
غۇلجا ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى 
تېلېفون: 4025184 
 
 
 
 
 
ئۈچىنچى: ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسۇش
1. تۈر مەقسىتى: 
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارنى داۋالاش ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالىنى يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلاشتىن ئىبارەت. 
 
2. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتلىرى: 
- قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدەHIV ئانتېتلاسى مۇسبەت (+) بولۇپ چىققان ھامىلىدار ئاياللار (يەنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەپ جەزىملەشتۈرۈلگەنلەر). 
 
3. قەدەم-باسقۇچلىرى: 
HIV ئىلغاش سىنىقى مۇسبەت (+) چىققان ھامىلىدار ئاياللاردىن يەنە قان ئېلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە (فاڭيىزەن) ئەۋەتىلىپ جەزىملەشتۈرۈلىدۇ. يۇقۇملانغان بولسا، مۇشۇ خىل ھەقسىز داۋالاشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 
يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئانا تۇغۇتتىن 2 سائەت بۇرۇن 200 مىللىگرام(为乐命)NVP ئىچىدۇ، بوۋاق تۇغۇلۇپ 72 سائەت ئىچىدە 6 مىللىگرام (为乐命)NVP ئىچىدۇ. بوۋاق 6 ئايغىچە ھەقسىز سۈت پاراشۇگى بىلەن تەمىنلىنىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بېقىلىدۇ. 
 
4.مۇلازىمەت ئورنى: 
غۇلجا شەھەرلىك ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئامبولاتورىيىسى 
ئالاقىلاشقۇچى: گۈلى تېلېفون: 7832974 
 
 
 
 
تۆتىنچى: ھەقسىز ئەيدىز تەكشۈرۈشى 
1. شەرتى: ئىختىيارى مەسلىھەت سورايدىغان ۋە تەكشۈرتىدىغانلار. 
 
2. قەدەم- باسقۇچى: مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەكشۈرتۈشنى خالىسا، قان ئېلىپ ھەقىسز تەكشۈرىدۇ. نەتىجىسى بىر ھەپتە ئىچىدە چىقىدۇ. 
 
3. تەكشۈرۈش ئورنى ۋە ئالاقىلاشقۇچىلار: 
غۇلجا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ (فاڭيىزەن) 2- قەۋەت تەكشۈرۈش بۆلۈمى 
ئالاقىلاشقۇچى: ئايگۈل، بۇزوھرە تېلېفون: 8232080، 8227210 
 
ئىلى ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (فاڭيىزەن) 
پەرىدە 8027000، ئالىيە 8023466، ئاسىيە 8553553 
 
 
 
 
بەشىنچى: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتىن بۇرۇنقى CD4 ھۈجەيرىسىنى تەكشۈرۈش

1. شەرتى: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەنگەنلەر. 
 
2. قەدەم باسقۇچى: بىمار كىملىكى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىق دىئاگىنوز ئىسپاتىنى ئېلىپ، قان تەكشۈرەتسە بولىدۇ. 
 
3. تەكشۈرۈش ئورنى ۋە ئالاقىلاشقۇچىلار: 
غۇلجا شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش (فاڭيىزەن) مەركىزىنىڭ 2- قەۋەت تەكشۈرۈش بۆلۈمى 
ئايگۈل تېلېفون: 8395617 
 
ئىلى ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (فاڭيىزەن) 
پەرىدە 8027000، ئالىيە 8023466، ئاسىيە 8553553 
 
 
 
 
 
ئالتىنچى: ھەقسىز CD4، CD8، HIV ۋىرۇس مىقدارى ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش 
1. شەرتى: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەنگەنلەر. 
 
2. قەدەم باسقۇچى: بىمار كىملىكى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىق دىئاگىنوز ئىسپاتىنى ئېلىپ، قان تەكشۈرەتسە بولىدۇ. 
 
3. تەكشۈرۈش ئورنى ۋە ئالاقىلاشقۇچىلار: 
ئىلى ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (فاڭيىزەن) 
پەرىدە 8027000، ئالىيە 8023466، ئاسىيە 8553553 
 
 
يەتتىنچى: خىزمەتتە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش 
مەقسەت: خىزمەت ئۈستىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارغا ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تەمىنلەش ۋە ئەيدىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا يۇقۇشىنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش. 
مەسئۇل ئورگان: ئىلى ئوبلاستلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (فاڭيىزەن) 
تېلېفون: 8023466 
 
 
 
 
 
سەككىزىنچى: شىنجاڭ/ئىلى/غۇلجا قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەيدىز پروگراممىلىرى 
 
زەھەر چەككۈچىلەر نىشانلىق تەربىيە كۇرسى: 
قىزىل كرېست پىدائىيلىرى مەھەلىلەردە مەخسۇس زەھەر چەككۈچىلەر، ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرى ۋە زەھەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشلەرگە قارىتا ئۈچ كۈنلۇك تەربىيلەش كۇرسى ئېلىپ بارىدۇ. كۇرس مەزمۇنى ئەيدىز ئاساسىي بىلىملىرى، ئەيدىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۇسۇللىرى، قايتا چېكىشتىن ساقلىنىش (زەھەر تاشلاش)، زەھەر زور كېتىش (قېتىپ قېلىش) ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
مەسئۇل ئورۇن: ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كرېست جەمئىيىتى 
ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تېلېفون: جۇماخۇن 8020830، كەنجىخان 8085051 
 
قازاق ياش تەكتۈشلەر تەربىيىسى كۇرسى: 
قىزىل كرېست ياش قازاق پىدائىيلىرى قازاق تىلىدا بىر كۈنلۈك ئەيدىز كۇرسى ئاچىدۇ. كۇرس مەزمۇنى ئەيدىز ئاساىي بىلىملىرى، ئەيدىزنىڭ جىنسىي كېسەل ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تەڭتۈشلەر بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
مەسئۇل ئورۇن: ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كرېست جەمئىيىتى 
ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تېلېفون: جۇماخۇن 8020830، كەنجىخان 8085051 
 
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى كۈتۈش كۇرسى: 
قىزىل كرېست پىدائىيلىرى مەھەلىلەردە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار، ئۇلارنىڭ ئائىلە– تاۋاباتلىرى ۋە ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان كىشىلەرگە قارىتا بىر يېرىم كۈنلۈك تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ بېرىدۇ. كۇرس مەزمۇنى ئەيدىز ئاساسىي بىلىملىرى، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشلار، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشى ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنى كۈتۈش بىلىم- ماھارەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
مەسئۇل ئورۇن: غۇلجا شەھەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى 
ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تېلېفون: گۆھەر 8033519، 8398869 
 
ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاشقا تەييارلىق كۇرسى: 
قىزىل كرېست پىدائىيلىرى مەھەلىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا قارىتا بىر كۈنلۈك داۋالشقا تەييارلىق تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ بېرىدۇ. كۇرستا ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش ۋە شۇنىڭغا ئائىتمەزمۇنلار، داۋالاشقا ماسلىشىش تەربىيىسى ۋە يەرلىكتىكى داۋالاش ئورۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ. 
مەسئۇل ئورۇن: غۇلجا شەھەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى 
ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تېلېفون: گۆھەر 8033519، 8398869 
 
يۇقۇملانغۇچىلار تەڭتۈشلەر تەربىيىسى پروگراممىسى: 
قىزىل كرېست پىدائىيلىرى مەھەللە ئارىلاپ، كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپ- ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىرگە بىر يۈز-تۇرانە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. تەشۋىقات مەزمۇنى ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، كۈتۈنۈش، داۋالاشقا ئائىت ئۇچۇر ۋە ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىدائىيلار يۇقۇملانغۇچىلارنى پىسخك جەھەتتىن قوللاپ، يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا تونۇشتۇرىدۇ. 
مەسئۇل ئورۇن: غۇلجا شەھەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى 
ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تېلېفون: گۆھەر 8033519، 8398869 
 
قىزىل كرېست سەنئەتلىك ئەيدىز تەشۋىقات پروگراممىسى: 
قىزىل كرېست پىدائىيلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەتلىك ئەيدىز تەشۋىقات ئۆمىكى مەھەلىلەردە ئاممىغا كۆڭۈل ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. پائالىيەت جەريانىدا، ئەيدىزنى كەمسىتمەسلىك، ئەيدىز خىزمىتىگە ھەممەيلەن ئورتاق قاتنىشىش، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە –تاۋاباتلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى قوللاش قاتارتلىق مەزمۇنلارنى باش تېما قىلىدۇ. 
مەسئۇل ئورۇن: غۇلجا شەھەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى 
ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تېلېفون: گۆھەر 8033519، 8398869

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىز ۋە مەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەخمەت قۇرباننىڭ 14 يىللىق زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .