ھاياتنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆلۈمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچىرىغان كىشىلەرلا ھېس قىلالايدۇ!

 

قولۇمدا قان تەكشۈرۈش قەغىزى. نۇرغۇن تەغدىرداشلىرىمنى ئۈمدسىزلەندۈرۈپ, دەھشەت بىلىنگەن بۇ دىئاگىنوز,  يەنى HIV (+), گويا ماڭا تەسىر قىلمىغاندەك ......

ياق! ئەگەر بۇ دىئاگىنوز قەغىزى بۇنىڭدىن يېرىم يىل بۇرۇن بولغان قولۇمدا بولغان بولسا, مەنمۇ باشقىلارغا  ئوخشاش ھاياتتىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن بولاتتىم. چۈنكى مەن ئۇ چاغدا تېخى قىزىل كرېستنى چۈشەنمەيتتىم ....eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

دەسلەپكى مىنۇتلاردىن ئەسلىمە:eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مېنىڭمۇ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش بەختلىك ئائىلەم, كۆيۈمچان يولدىشىم بولغان. گەرچە بىز خەقنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتارساقمۇ, يولدىشىمنىڭ تىرىشچانلىقىدا تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ھەم ياخشى ئۆتەتتى.eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

قىزىم تۆت ئايلىق بولغان چاغدا, قەيسەر تۇيۇقسىز سوغۇق ئۆتۈپ قالغان باھانە بىلەن دائىم دۈمبىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئاغرىقى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ, تۈزۈكرەك ئىشمۇ قىلالمىدى. ئارلىقتا بىر نەچچە قېتىم شەخسىي دوختۇرلاغا كۆرۈندى. ئۈنۈمى بولمىغاچقا, شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كىرىپ تەكشۈرەتتۇق. ئۇلار ‹‹ئۆپكە تۇبېركليۇز›› دەپ دىئاگىنوز چىقاردى. ئارلىقتا بىر نەچچە كۈن دورا ئىچىپ يەنىلا ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەچكە, يەنە بىر تەرەپتىن, قىزىپ, ئىچى سۈرۈپ توختىمىغاچقا, قايتا دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە مەجبۇر بولدى. eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۇ كۇنى مەن ئۆيدە بالىغا قاراپ ئولتۇراتتىم. چۈشتىن كېيىن بولغاندا, قەيسەر چىرايى تامدەك تاتارغان ھالەتتە, جانسىز پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ, يۈرۈگىم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك قاتتىق سېلىپ كەتتى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ‹‹ئايشەمگۈل, مەن تۈگەشتىم. مەن ئەيدىز بولۇپ قاپتىمەن!›› دىدى. ئۇنىڭ نىمە دىگىنىنى ئاڭقىرالمىدىم. تاپىنىمدىن چىققان ئوت مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى. قەيسەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋېلىپ ‹‹نىمىشقا قان تەكشۈرتىسىز؟ سىز ساراڭمۇ؟›› دەپ قايتا- قايتا ۋارقىراپ كەتتىم. كاللام قۇپ- قۇرۇق, قۇلىقىمدا بىرلا سۆز جاراڭلايدۇ ... ئەيدىز! ئەيدىز!!!!eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۆيگە كىرسەممۇ, تالاغا چىقساممۇ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە يەنىلا شۇ سۆز!eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ھەر ئىككىمىز نىمە قىلىشىىمىزنى بىلمەيتتۇق. بۇ خىل "دەھشەت"نى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھېس قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. يۈرىكىمىز قاتتىق سوقۇۋاتاتتى. كۆزلىرىمىز ئۆينىڭ ئىچىدىن, تامنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن, تېلېۋىزوردىن بىر نىمىلەرنى ئىزدەۋاتاتتى. كۆزۈم تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا چۈشكەندە بولسا, يۈرۈكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئاغرىپ كېتەتتى.eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

سىز بەلكىم, ئۇلار ئۆيدىن نىمە ئىزدەۋاتقاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالغانسىز- ھە!eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

تەسەللى! شۇنداق, بىز ئۆيدىن, بىر- بىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن, ئوماق قىزىمىزدىن تەسەللىنى ئىزدىدۇق, لېكىن تاپالمىدۇق. ئۇ كۈنى ۋاقىت بەك ئاستا ئۆتتى, گويا ئارقىغا مېڭىۋاتقاندەك .....eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

بىز قىزىمىزنى كۆتىرىپ كۆچىلاردا ئايلاندۇق. ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھەممىگە تويماي قارايتتۇق. ئۇ كۈنى ئاخشىمى كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئوي كېلىپ قالدى ۋە قەيسەرگە مۇنداق دىدىم: "خەقلەر بىزنىڭ شۇ كېسەل بولۇپ قالغىنىمىزنى بىلىپ قالغۇچە, بۈگۈنلا مەشكە كۆمۈرنى راسا سېلىپ, مەشنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ ئۇخلاپ قالايلى. خەق بىزنى ئىس ئېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ, دەپ قالسۇن". eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مېنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگەن بولسا كېرەك, ئۇ كۆزىنى يۇمىۋېلىپ گەپ قىلمىدى.eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

كۈنلەر ئۆتىۋەردى. قەيسەرنىڭ كېسىلىمۇ كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلاپ كەتتى. بىز قەيسەرگە دىئاگىنوز قويۇلغان ھېلىقى كۈندىن تارتىپ, خەلق دوختۇخانىسىغا قايتا قەدەم باسمىدۇق. بىز ھەممىلا يەردە ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يۈردۇق. ئۇنىڭ كېسىلىنى سەللا سېزىپ قالغانلىكى دوختۇرنىڭ قېشىغا قايتا بارمىدۇق. ھەتتا بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشنىمۇ خالىمايتتۇق.eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىچكەن دورىلىرى پايدا قىلىشنىڭ ئورنىغا, ئەكسىچە جىگەر كېسىلى قوزغالدى.eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

بىر كۈنى, مەخمۇت ئاكام بىزگە قىزىل كرېستنىڭ ئىككى كۈنلۈك كۇرسى بارلىقىنى, بىزنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىمىزنى ئېيتتى. eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

بىز كۇرسقا قاتناشتۇق. بۇ ئىككى كۈنلۈك كۇرس جەريانىدا, قەيسەر ئىككىمىز دوختۇرخانىدىنمۇ, ئۆيدىنمۇ, ئۇرۇق- تۇققان, دوست- بۇرادەرلەردىنمۇ تاپالمىغان بىر نەرسىنى, يەنى تەسەللىنى تاپتۇق. ياسىنجان, ئىسكەندەرلەرنىڭ بىز بىلەن بىمالال ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى, ھېچقانداق كەمسىتىشنىڭ ئۇرانى تېپىلمايدىغان مۇلايىم گەپ سۆزلىرى, بولۇپمۇ كۇرستا سۆزلىگەن ئۆزىنى كۈتۈشكە دائىر بىلىملەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەيسەر بىلەن ئىككىمىزنى باشقىچە قىلىپ قويدى. eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىمىزنى دەۋاتقاندىمۇ, ئۇلارنىڭ چىرايىدا مېھرىبانلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈلمىدى.eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

بىز ھەيران قالدۇق. بىز گەرچە يۇقۇملانغۇچى بولساقمۇ, بىراق ئۇلار بىزنى كەمسىتمىدىغۇ؟eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مەن دەل شۇ كۈنىدىن تارتىپ قىزىل كرېستنى ھەقىقىي چۈشىنىشكە باشلىدىم ....eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

قەيسەر ئۆلۈپ كەتتى. مەنمۇ قىزىل كرېستنىڭ رەسمىي بىر پىدائىيسى بولۇپ قالدىم. تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق ئاچچىق- چۈچىكىنى تېتىمىغان, ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىدا ئەكىلەپ چوڭ بولغان مەندەك بىر قىز ئۈچۈن, بۇ كېلىشمەسلىكلەر بەكلا ئېغىر كەلدى. ئەمما مەن قىزىل كرېستتىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلەمدە قانداق ياشاشنى ئۆگەندىم. بېشىمغان كەلگەن كۈلپەتلەرگە قانداق بەرداشلىق بېرىشنى, ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەندىم. بۇ يەردىكى سەپداشلىرىمغا قاراپ, كۆڭلۈمگە تەسەللىي تاپىدىغان بولدۇم. بۇ يەردە ھەممىمىز ھەقىقىي ئىچ سىرىمىزنى بىمالال سۆزلىيەلەيمىز, ھەتتا ئاتا- ئانىمىزغا دىيەلمىگەن گەپلىرىمىزنى ياسىنجان, ھەلىمە ھەدەملەرگە دىيەلەيمىز. eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مەن ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشىمغا نەپرەتلەنمەيمەن, مەن پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىغا نەپرەتلىنىمەن. ئۆزەمنىڭ ۋە يولدىشىمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ئۆزىمىزنى قانداق قوغداشنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن. eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم. مەن يەنە ئۇزاق ياشىيالايمەن. چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس. ئەتراپىمدا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر بار. يەنە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر ئائىلەم بار. ئۇ بولسىمۇ قىزىل كرېست!eevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

 بىر قىزىل كرېست پىدائىيسىدىنeevئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى ! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى غۇلجىدىكى ئەيدىز مۇلازىمەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .