دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ، ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىزنىڭ ھۆكۈمەت چەكلەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك دەل نېشىدۇر

 نېشە ھەققىدە :
 
نېشە ئادەتتە كەندىر دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ئۈسۈملۈكنىڭ يۇپۇرماق ، غوللىرىدىن چىقىدىغان ماي ئارقىلىق ياسىلىدۇ ، ئۇنى يىيىش ، تاماكىغا ئوراپ چېكىش ، موخۇركا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاپاقتا ياكى ياڭيۇ ، ئالما قاتارلىق مىۋە چىۋىلەردە ئويۇپ "تانكا" ياساپ چېكىش دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئىپادىسى باشنى قايدۇرۇش ، ۋاقىتلىق ئەسلىمىنى يوقىتىش ، بەدەن سېزىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ( مودا بولىۋاتقان كەيىپ دىگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ) ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەقلى قابىليەتنى تۆۋەنلىتىش ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلىشىش ، غەم يىمەسلىك ، بەغەرەزلىك ، جاھىللىق قاتارلىق پىسخىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، خىلىت جەھەتتىن سوغۇققا مايىل بولۇپ بەدەننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ، دىمەك نېشە سېپى ئۆزىدىن زەھەرلىك بۇيۇم !
 
 
               خوش ، نېشە دىگەن شۇنداق نەرسىكەن ، ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆزىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ رېئاللىقتىن قاچۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالدى ، قەيسەر ئىرادە ، چن ئېتقاد دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قويايلى ، ئاددىسى ھاياتىنىڭ كاپالىتى بولمىش بەدىنىنىمۇ ئاسراپ تۇتالمايدىغان ھالەتكە يەتتى ، پۇلى بار يەرلەردە (مەسىلەن قاراماي) سېستىرا ئاغىنلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ پۇل كۆپ بولغاچ نېشىنى ياراتماي بىۋاستە خىروئىن بىلەن ھەپىلشىۋاتىدۇ ، ئىقتىسادىى ياخشى ئەمەس بۇرادەرلەر بولسا ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنىپ تۇرايلى دەپ قاپاق تارتىپ نېشىنىڭ كەيپىنى سۈرۈپ يۈرۋاتىدۇ ، مېنىڭ دىققەت قىلىشىمچە نۇرغۇنلىرىنىڭ نابۇت بۇلۇش جەريانى ئوخشايدىكەن.
 
 
 
               بىرىنجى قەدەم يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىش
               چىن دىلىدىن ، مەقسەتلىك ھالدا يالغان سۆزلەش
 
 
 
               ئىككىنجى قەدەم تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىش
               مەيلى دورىسۇن ، مەيلى ئوينىسۇن ، بارا بارا چېكىشكە خۇمار بولۇپ قېلىش
 
 
 
               ئۈچىنجى قەدەم ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىش
               دەسلەپتە ھاراق ئىچىش ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئىشى دەپ قاراپ باشلىنىدۇ ، كېيىن مەس ۋاقتىدىكى بىنورمال ھادىسە ۋەقەلەردىن ئىلھام ئېلىپ ھاراققا باشچىلىپ كىرىپ كېتىش.
 
 
 
               تۆتىنجى قەدەم قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىش
               خاتا بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تىكلەش ، قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىكى ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى بولۇش ( داۋاملىق قىزلار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولۇش ، شەھۋانى بۇيۇملار بىلەن ھەپىلىشىش )
 
 
 
               بەشىنجى قەدەم نېشە چېكىشنى ئۆگىنىش
               يۇقارقى كەيىپلەر لەززەتلىك تۇيۇلمايدىغان مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە نېشە ئىنتايىن ياقىدىغان ، ئەرزان ، كۆپ باش ئاغرىقى يوق ، ئېسىل شەخس بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ دە ۋاقىت چىقسىلا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلشىدىغان ، شۇنى چەككەندىن كېيىنكى گاراڭ - گۇرۇڭلىقنى كەيىپ دەپ قاراپ لەززەتلىندىغان بولىدۇ ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، ئۇنى چەككەندىن كېيىن نېرۋىلارنىڭ كۆپىنجىسى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ ، پەقەت مەلۇم نېرۋىلارلا خىزمەت قىلغاچقا مەلۇم مەسىلىگە نىسبەتەن دىققەتنىڭ چېچىلىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، دىمەك بۇ خىل ھالەت بەزى ناخشىچىلارغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق پايدا ئەكىلىشى مۇمكىن ، نېشە چەككەندىن كېيىن كاللا ئاددىلىشىدۇ ، بۇ خىل ئاددىلىق بەزى ئىشنى قىلغاندا بەك بېرىلىپ قىلىش ، ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ۋە قورقۇنچاق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ ، دەل مۇشۇنداق بىنورمال ئىنكاسلار بەزىلەرگە نېشىنىڭ كەيپىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويغان ، شۇڭا كۆپىنچە ياشلار بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ قاراپ ئۆزىنى نېشىگە ئۇرىدۇ.
 
 
 
               ئالتىنجى قەدەم كۈچلۈك بولغان ، ئارلاشمىلارنى چېكىشنى ئۆگىنىش
               ئادەتتىكى ساپ نېشىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ چەككەندىن كېيىن بەدەن زەھەرلىنىپ ئۇنىڭ زەھىرى بەدەندە بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلمايدىغان بولىدۇ ، يەنى كەيپى تۇتمايدىغان بولىدۇ دە "ئاقكۆڭۈل" بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىچكىردە ئىشلىنىۋاتقان " شەرقى شىمال يولۋىسى" دەپ نام ئالغان ئارلاشمىنى تېتىپ باقىدۇ ، بۇ خىل ئارلاشما ئەمەلىيەتتە نېشە بىلەن ھەرخىل زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ بېرىكمىسى بولۇپ ئۆزى نېشىنىڭ شەكلىدە بولۇپ ، بەدەنگە تەسىر قىلىش كۈچى يۇقىرى ، زەھەرلەش دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن ، ھەقىقى ئۆزىنى تارتىپ بۇلالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويالايدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ، k ئۇنى ، باش تولغاش كۇمىلىچى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئالدىدا ھېچگەپ ئەمەس ، كۆپىنچە ھاللاردا نېشىنى توپ ئېلىپ ، پارچە ساتىدىغان كىشىلەرنى "بولاقچى" دەپ قويىشىدۇ ، بۇ بولاقچىلار يەرلىك نېشە (ساپ نېشە) ۋە شەرقى شىمال يولۋىسى نى بىللە ساتىدۇ ، ئۆزىچە ئۆزىنى ئاياپ قالغانلار يەرلىك نېشە بىلەن ھەپىلشىدۇ ، ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قالغان نوچىلار بىۋاستە شەرقى شىمال يولۋىسى بىلەن ئېيتىشىدۇ ، ھۇدۇقماي تۇرۇپ دىيەلەيمەنكى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە %60 ئۇيغۇر ياشلىرى نېشە چېكىدۇ ، بۇنىڭ %70 شەرقى شىمال يولۋىسى چېكىدۇ ، بۇنىڭ %90 ئاخىرى ئاق چېكىشكە تەرەققى قىلىدۇ.
 
 
 
               يەتتىنجى قەدەم ئاق چېكىشنى ئۆگىنىش
               شەرقى شىمال يولۋىسىنى بېسىپ نەچچە يىل ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەن تېخىمۇ زەھەرلىنىپ بۇ نەرسىمۇ بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ ، كەيىپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار "تاتلىق" ياشلىرىمىز ئاخىرى كەيىپنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغان خىروئىننى ئىزدەپ تاپىدۇ دە ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق لەززىتىدىن تەسىرلىنىپ جان جەھلى بىلەن ئۇنىڭغا كىرىشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە خىروئىنمۇ پەقەت مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىق كىشىدە لەززەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ، ئۇنىڭ زەھىرى كۈچلۈك ، خۇمارى كۈچلۈك ، پۇلى كۆپلىرى تاماكا قەغىزىدە ئاستىدىن ئوت قۇيۇپ ئىسىنى شوراپ ياكى بىۋاستە بۇرنىغا شوراپ چېكىدۇ ، پۇلى يوق چېكەرمەنلەر ئازغىنە نەرسىدىن بەكرەك ھۇزۇر ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ بىۋاستە تومۇرغا ئ.ۇرىدۇ ، ئۇلار خىروئىن بىلەن سۇنىڭ مىقدارىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەيدۇكى سۇ كۆپ بولۇپ كەتسە كەيىپ كۆرەلمەيدۇ خىروئىنغا زىيان بولىدۇ ، سۇ ئاز بۇلۇپ قالسا خىروئىن قان تومۇردا قېتىۋېلىپ دەل جايىدا جەھەننەمگە سەپەر قىلىدۇ .
 
 
 
               سەككىزىنجى قەدەم ۋەيران بولۇش
               .....................
 
               (تەلىيى كاج كەلسە تېخى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپمۇ قالىدۇ)
 
               بىر ئادەمنىڭ كەيىپكە بېرىلىش باسقۇچلىرى يىغىپ يۆگەپ كەلسە مۇشۇ باسقۇچلار بىلەن بولىدىكەن ، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ باسقۇچلار ئىلگىرى كېيىن بولماي مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە داۋام ئېتىدىكەن ، مەن بەك دىققەت قىلدىم ، ئۇيغۇر جەمىئىتدە نېشە ئاجايىپ سىرلىق بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەن ، بەزى چوڭلىرىمىز ئۇنى چېكىشنى بوۋىلىرىدىن ئۆگەنكەنىكەن ، بەزىلەر ھەتتا نېشە چېكىش مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ئادەمگە پايدىلىق دەپ قارايدىكەن ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى شۇكى يىتىلۋاتقان ياشلىرىمىز نېشىنىڭ كەيپىنىڭ تۈرتكىسىدە يۇقارقى كەيىپ باسقۇچلىرىنىڭ تېزلىكتە تاماملاپ خىروئىن بىلەن بىۋاستە ھەپىلشىدىغان ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئىشلارغا دۇچار بولىدىكەن ، يېقىندا بىر ئۇكىمىز ئورنىدىكى بالا ئاق چېكىپ جېنىدىن ئايرىلدى ، شۇنچىلىك ھەيران قالدۇقكى ئۇ يۇقارقى باسقۇچلارنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ "ئەلاچى" بولۇپ "ئەجەل" مۇكاپاتىغا بالدۇرلا ئېرىشتى ، يېنىمدا ، يېنىڭىزدا بۇنداق مىساللار بەكمۇ كۆپ ، چىرايى خۈنۈك ، ئىش خوشياقمايدىغان ، قىز بالىغا قارىسا كۆزلىرى خۇمالىشىپ قالىدىغان ، جىمغۇر ياكى كوت كوت ، غەرەز چۈشەنمەيدىغان بىر ئەۋلات ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلىھەم سىز بىلەن مەن بىلەن ئورتاق بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرۇپتۇ ، تەرەقىياتنىڭ چاقىغا چاپلاشقان بۇ لاي لاتقىلارنىڭ قولىدىن ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش ، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ، تەرەقىياتنى ئاستىلىتىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ خالاس .
 
 
               قانداق قىلىش كېرەك ؟!؟!؟!
 
 
               پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنى مەركەز قىلغان ھالدا باشقىلارغا تەسىر قىلالىغۇدەك ، ئىلمى بولغان باشقىلارنىڭ قايىل قىلالىغۇدەك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك ، بۇنداق قىلالىشىڭىز ياكى قىلالماسلىقىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ دىتىغا باغلىق ، قىلالىسىڭىز سىزدە ، مىللىتىڭىزدە يەنىلا ئۈمىت بار ، قىلالمىسىڭىز (قىلدىغانلار بارغۇ دىمەڭ) ، تارىخ تارازىسى ھامان سىزنىمۇ شۇلار بىلەن قوشۇپ جازالايدۇ !

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئايال زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئاساسى نېمە ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھالاكەتنىڭ بىر يۈزى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .