ھەم تەربىيچى ھەم ساغلاملىق يىتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان باللار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىمەن بۇ خىل ئالاھدە باللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مېنىڭ ھاياتىمغا بېرىلگەن بىر سوغات ئىدى ئۇلار ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى, بولۇ

              تايلور تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئىدى. ئۇ تېببي دورىلارنىڭ ياردىمىدا ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا مەيدىسىدىكى ۋىنا تومۇرىغا نەيچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نەيچە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سومكىنىڭ ئىچىدىكى پومپىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى. دورىلار مۇشۇ پومپىنىڭ ياردىمىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، نەيچە ئارقىلىق ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ئۆتەتتى. بەزى ۋاقىتتا، تايلور نەپەسلىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئوكسېگىنغا مۇھتاج بولاتتى.

              جانغا زامىن كېسەللىككە دۇچار بولغىنىنى بىلگەچكىمىكىن، تايلور باللىق  چاغلىرىدىكى بىر مىنوت ۋاقىتتىنمۇ ۋاز كىچىشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ دائىم دىگۈدەك ئارقا ھويلىدا دورا سومكىسىنى دۈمبىسىگە ئاسقان ۋە كىچىك ھارۋىسى بىلەن ئوكسېگىن قاچىسىنى سۆرىگەن ھالدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. تايلورنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھايات بولالىغانلىقىدىكى ساپ خۇشاللىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان كۈچ- قۇدرىتىگە ھەيران ئىدى. تايلورنىڭ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، ئۇنىڭ بەك تېز يۈگىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيلورنىڭ قىزىل كېيىم كېيۋىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا دەرىزىدىن قاراپلا تەيلورنىڭ نەدىلىكىنى ئاسان كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى دەيتتى.

              بۇ ئۆلگۈر كېسەل ئاخىرى تايلوردەك شوخ ئويناپ يۈرگەن كىچىك ئەزىمەتنى يىقىتىپ قويدى. ئۇ ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانىسىمۇ ئوخشاشلا ئاغرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ساقيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تايلورنىڭ ئانىسى تايلورغا ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن پات ئارىدا جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچۇرىشىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى بەزلەيتتى.

              ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، تايلور ئىشارەت قىلىپ مېنى كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىغا چاقىرىپ: " مەن بەلكىم پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنىڭدىن قورقمايمەن. مەن ئۆلگەندە ماڭا قىزىل كېيىم كەيدۈرۈپ قويۇڭ، بولامدۇ؟ ئانام ماڭا جەننەتكە كېلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتى. شۇڭا مەن جەننەتتە يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقاندا ئانام مېنى ئاسانلا تونىۋالسۇن" دەپ پىچىرلىدى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەھەرنىڭ يامان ئاقىۋىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئايال زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئاساسى نېمە ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .