" زەھەر خۇمارى " ناھايىتى تەستە تاشلىغىلى بولىدىغان بىر خىل دورىغا يۆلۈنىۋېلىشچانلىققا ئىگە نەرسە بولۇپ ، ئۇ ئادەتتىكى تاماكا خۇمارى ، ھاراق خۇمارىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ، خۇددى زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە ئېقىپ يۈرگەن سۆزلەردە تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش : " بىرىن

               ۋېي شيۇجيې ، ئايال ، 26 ياش ، مەلۇم داڭلىق تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن ، بىر دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىنغان . ئۇ تىرشىچان ، ئەقىللىق قىز بولۇپ كەسىپىنى قەدىرلەش روھى كۈچلۈك ئىدى . ئۇ نۇرغۇن زەھەرنى تاشلىغۇچىلارنىڭ زەھەرنى بىر-بىرلەپ قايتا چەككەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئىچى تىتىلداپ كېتىدۇ-دە ، قەيسەر ئىرادە بولسىلا ، زەھەرگە يۆلۈنىۋېلىشنى چوقۇم يەڭگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرگە زەھەر تاشلاشقا كەلگەنلەرگە ئۈلگە كۆرسۈتۈپ بېرىش ئۈچۈن ، تەجرىبە قىلىش خاراكتېرلىك خېروئىن چېكىدۇ ، ئىش ئۇنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىپ ، بىر قېتىم سىناق قىلىپ چېكىشى بىلەنلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ ، كېيىن ھەر قانچە قىلىپمۇ تاشلىيالمايدۇ . ئاخىرى ئەر-خوتۇن نىكاھتىن ئاجرىشىپ ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ ، ئائىلە مال-مۈلكىنى چېكىپ تۇگىتىدۇ ، زەھەر خىراجىتىنى غەملەش ئۈچۈن ، ئامال قىلالماي ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى سېتىشقا باشلايدۇ .

               بۇ دېلو مىسالىدا ئەھۋال بىر ئاز ئاشۇرىۋېتىلگەن بولسىمۇ ، بىراق بۇ خىل ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىپ كېتىش تۈپەيلىدىن زەھەر پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ . زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىرنىچى قېتىم چېكىشتىن بۇرۇن ، زەھەرنىڭ ئادەمگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا ، كۈچلۈك ئىرادىسىگە ئىشىنىپ كېتىپ ، خۇمار بولۇپ قالساممۇ چوقۇم تاشلىيالايمەن دەپ قارايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن زەھەرنى ئۆز بەدىنىدە سىناق قىلىشقا باشلايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە بەزىلەر ئائىلىدىكىلەرنىڭ زەھەر چىكىپ تاشلىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا ئۈلگە كۆرسۈتۈپ بېرىش نىيتىدە چېكىدۇ . نەتىجىدە ئۆزىمۇ بۇ پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا 2005 يىلى:ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش ، ۋەدىنى ئەمەل قىلىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بىر زەھەر چەككۈچى قىزنىڭ يۈرەك ساداسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .