يېشى 30دىن ھالقىغان ۋاڭ لى يەنىلا بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا پارازىت قۇرتتەك باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش،ئوغرىلىق قىلىش،بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى چۈنكى تۈزۈك خىزمىتى يوق،ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ۋاڭ لى شۇنداق قىلمىسا زەھەر چېكىشك

              ئۇ بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندىن بېرى يۇرتمۇيۇرت كېزىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشتىكى قورالى ئاساسلىقى پىچاق،ئوكۇل شپىرىسى ئىدى.بۇڭچىلىق تاكتىكىسى بولسا شپىرىس ئارقىلىق"ئولجا"لارغا:"مەندە ئەيدىز كېسىلى بار،پۇلنى چىقارمىساڭ شپىرىسنى سانجىۋېتىمەن،جانغا تۇرامسەن،پۇلغىمۇ؟"دەپ تەھدىت سېلىش ئىدى.بۇ خىل تاكتىكىسى بىلەن ئۇ بىر نەچچە قېتىم غەلىبە قىلدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى بارغانسېرى يوغىناپ كەتتى.ئۇ بارا-بارا"نەزىرى"نى يۇقىرى قىلىپ،چەت ئەللىكلەرنىڭ پېيىگە چۈشتى.
 
              5-ئاينىڭ2-كۈنى ئۇ ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى مەلۇم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدىن بىر ياتاقنىڭ ئۇدۇلىدىكى2706-نومۇرلۇق ياتاققا شۇ كۈنى پاكىستاندىن تىجارەت ئۈچۈن كەلگەن جىد ئەپەندىمۇ چۈشكەنىدى.ۋاڭ لى بىرەر قۇر ئەھۋالنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن،چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا جىد ئەپەندىنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.
 
              -كىم،نېمە ئىش؟
 
              -خالو،مەن ئۇدۇلدىكى ياتاقتىن،ئىشىكنى ئاچقان بولسىڭىز،-دېدى ۋاڭ لى ناھايىتى سىلىق ئاھاڭدا.
 
              جىد ئەپەندى ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلىقىرالماي ئىشىكنى ئاچتى:
 
              -نېمە ئىشىڭىز بار؟
 
              -مەن ئۇدۇلدىكى ياتاقتا،باتارىيە سورىماقچىدىم،-ئۇ گەپ قىلغاچ قولىدىكى تىزگىنەكنى كۆرسەتتى.
 
              جىد ئەپەندى ئۇنىڭ دېگىنىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۇنى ياتاققا باشلىدى.جىد ئەپەندى ياتىقىدىكى تىزگىنەكنى ئېلىپ بەرمەكچى بولغان ئارىلىقتا،ۋاڭ لى يېنىدىكى پىچىقىنى چىقىرىپ جىد ئەپەندىنىڭ كېكىرتىكىگە تەڭلەپ بولدى.
 
              -پۇل،پۇلنى چىقار،-ۋاڭ لى قەيەرلەردە ئۆگىنىۋالغان بىر نەچچە ئېغىز ئېنگلىز تىلىنى خەنزۇچىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى.
 
              جىد ئەپەندى قورقۇپ كەتتىمۇ ياكى ۋاڭ لىنىڭ گېپىنى ئېنىق چۈشىنەلمىدىمۇ،ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.
 
              -ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ،پۇلنى چىقار بولمىسا...
 
              جىد ئەپەندى باشقا گەپ قىلماي چاي ئۈستىلىنىڭ ئاستى تەرىپىنى كۆرسەتتى.ۋاڭ لى ئۇ يەردىكى پۇلنى ئالدى ۋە باشقا جايلارنىمۇ ئاختۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،جىد ئەپەندى ھوشىنى تېپىپ قوغلاپ چىقتى،لېكىن ۋاڭ لى ئاللىقاچان غايىب بولغانىدى جىد ئەپەندى دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى.
 
              5-ئاينىڭ20-كۈنى ۋاڭ لى نىشانىنى شېڭخى مېھمانسارىيىغا قاراتتى.ئەپسۇس،بۇ قېتىم ئۇ ئىشىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشتى.شۇ كۈنى ۋاڭ لى بۇلاڭچىلىق جىنايىتىدىكى گۇماندار دەپ قارىلىپ قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.ھازىر بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىنچ پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئايالىم ۋە قىزىم ئۈچۈن مەن ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىشىم كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .