تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا بولغان زىيىنى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا زور بولىدۇ

 

    چۈنكى ، تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىش بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە جىگەرنىڭ  مېتابولىزم يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ ئوڭايلا باشقا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ .

 

ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ ، سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىشلارنى ، مەسىلەن : بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا ۋە ھاراق خىراجەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بۇ خىراجەتنى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار يېمەكلىكلەرگە ىسەرپ قىلسا ، ئۆمرىنى ئۇزارتىشغا پايدىلىق .

 

      ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا  ئارام ئېلىشقا ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك،  شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى ، ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشى ، چارچاش ھېس قىلغان ھامان ئارام ئېلىشى لازىم . كۈندىلىك تۇرمۇشتا روھىي كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، يۇقۇملانغانلاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەندىشە قىلىش ، قايغۇرۇش ، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق پسخىك ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ ، سالامەتلىك ئۈچۈن پايدسىز .

 

شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى روھىي كەيپىياتىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىپ  ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلىشى ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىقى كېرەك . بوش ۋاقىتلىرىدا كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلىشى ، سەيلە قىلىشى ياكى ئۆزىگە لايىق تەنتەربىيە بائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كېرەك .

 

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشمۇ كەيپىياتنى يېنىكلىتىدۇ . دېمەك ، تىنچ پسىخىكىلىق ھالەتنى ماقلاش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق .

 

تەلئەت سابىت تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىسى يۇقۇملانغان بولسا، تۇرمۇشتا نىمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يالغان «ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قورال قىلغان بۇلاڭچى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .