ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلارتۇرمۇشتا باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئۆزىنى ياخشى كۈتۈشتىن باشقا يەنە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا گاندوك ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى،قايچىسىمان يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

 

داۋاملىق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا، بۇنىڭمۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە بىر-بىرىگە يېقىنچىلىق قىلىشى ئىنسانچىلىقتىكى نورمال ئىش.

بىراق ۋىرۇسنىڭ ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ تېنىدىكى HIV ئازدۇر-كۆپتۇر تىپ جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچى يەنە ئوخشىمىغان تىپتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانسا، كېيىنكى داۋالىنىش ۋە باشقا تەرەپلەرگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئۇندىن باشقا ئەگەر ئىچىدىكى بىرسىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس ئەسلىدە ئاز بولسا، قارشى تەرەپتىن يۇقتۇرىۋالغان ۋىرۇسلار بىلەن ئۆز بەدىندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندوك ئىشلىتىش ۋە  ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ئىنتايىن زۆرۈر.UBLئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا «ئەيدىز»گە ئائىت بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىنچ پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .