ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقات گuرۇپپىسىنىڭ 4-فېۋرال ئېلان قىلغان چوڭ كۆلەمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاساسەن ئەتىگەنلىك تاماق يېمەيدىغان كىشىلەرنىڭ شامال دارىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 1 18 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن

شامال دارىش 中风 (مېڭىگە قان چۈشۈش ، سەكتە)

تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەتىگەنلىك تاماق يېمەيدىغان كىشىلەر ئاچ قورساق بولغاچقا قان بېسىمى ئۆرلەپ، خەتەر تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ناشتىلىق قىلمايدىغان كىشىلەردە شامال دارىش بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن

تەتقىقات گورۇپپىسى يەنشوۋ ناھىيەسىدىن چوڭشېڭ ناھىيەسىگىچە بولغان توققۇز ساغلاملىق پونكىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى 45 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان تەخمىنەن 82 مىڭ ئادەمگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەخمىنەن 13 يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3772 كىشى شامال دارىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، 870 بىمار يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قاتارلىق قان كەملىك خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان.

تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئەتىگەنلىك تاماق قېتىم سانى بىلەن كېسەللىكنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتى بايقالغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە 0 قېتىمدىن 2 قېتىمغىچە ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ شامال دارىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ھەركۈنى ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مېڭە قان تومۇرى يېرىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ خەتىرى 1.36 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، تەتقىقاتتا ئۆمۈچۈك تورىسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقىدىن قان چىقىش، مېڭە تىقىلمىسى ھەمدە قان كەم بولۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش بىلەن باغلىنىشى بارلىقى بايقالمىغان.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى بولۇش خەتىرى كۈچىيىدىكەن، ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت سەھىيە ئىلىمى پروفېسسورى شەن بوكاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە: «بۇ يەنە بىر قېتىم ئۇزۇقلۇقلا ئەمەس، قانۇنىيەتلىك يېمەكلىك ئادىتىنىڭمۇ ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى».


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار چېچىنى قارىغا بويىسا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قېرىشنى كېچىكتۈرۈش دورىسى بارلىققا كەلدى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .