ياشانغانلار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا، تىل تۈۋى ۋە كېكىردەك قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار ئاسانلا بوشىشىپ، نەپەس يولىنى توسۇۋېلىپ، نەپەس قىيىنلىشىپ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بەدەنگە ئۇزاق مۇددەت ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، سوققان تومۇر تېمىدىكى ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئارتىپ، قان تومۇر دىۋارى ئىچكى پەردىسى ئاستىغا ياغ تىنىۋېلىپ، سوققان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، مېڭە تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىش، تارىيىش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ ۋە مېڭە ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ.
 

يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تاجىسىمان سوققان تومۇرىدا بوتقىسىمان قېتىشىش ۋە قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار ئامال بار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىماسلىقى كېرەك.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىزىقىش قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار ئۆز سالامەتلىكى ئۈچۈن نېمە يەپ بېرىشى كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .