قىزىقىش ئادەمنى ياشارتىدۇ، ھەرقانداق بىر ئىشقا قىزىقماسلىق ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ

ئالىملار نەچچە مىڭ ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە، ئۇلار ئادەملەر ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى سۇسلاپ، بەدەننىڭ قېرىشى تېزلىشىپ، ئوڭايلا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ھالبۇكى، يېڭى شەيئىلەرگە قىزىققان ئادەملەر تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن يېڭى شەيئىلەرگە يېقىنلىشىدىكەن، ئىزدىنىدىكەن ۋە ئۇنى چۈشىنىدىكەن. بۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قېرىشىنى ئاستىلىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كىشىلەردە مەلۇم بىر شەيئىگە قىزىقىش پەيدا بولغاندا، بەدەندە مەلۇم بىرخىل ھورمون ئاجرىتىلىپ، تېرىسىدە قورۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىدىكەن، ئەزالاردىمۇ ئوڭاي مەسىلە كۆرۈلمەيدىكەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلارنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدىغان ئۈچ ئامىل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .