ياشانغانلارنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدىغان ئۈچ ئامىل

   1 . ياشانغانلار ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك . بولۇپمۇ توخۇم تەركىبىدىكى ئاق ئاقسىل ، سۈت تەركىبىدىكى سۈت ئاق  ئاقسىلى ، سۆڭەك تەركىبىدىكى سۆڭەك ئاق ئاقسىلى ۋە ياڭاق تەركىبىدىكى يادرو ئاقسىللىرىنىڭ ھەممىسىدە كوللاگېن ئاقسىلى ۋە يەككە جىنىسلىق ئاقسىللار بار . بۇ خىل ماددىلار سۆڭەك ئۈچۈن مۇھىم تەركىب . ئۇنىڭدىن باشقا ، قان تەركىبىدىكى قەنت ۋە ماي مىقدارى نورمال ياشانغانلار دائىم، تۇرۇپ ، لامنارىيە ، قوۋۇرغا شورپىسى ۋە ياڭاق ، قارا پۇرچاق ، نىلۇپەر ئۇرۇقى شورپىسىنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك . بۇلار بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ .

ياشانغانلارنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدىغان ئۈچ ئامىل

   2 . ياشانغانلار فوسفور بىلەن كالتسىينى بىللە تولۇقلىشى كېرەك . كالتسىي بىلەن فوسفور سۆڭەك ۋە چىشنى چىڭىتىپ ، بەدەندىكى تەركىبلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ .

فوسفور مول بولغان يېمەكلىكلەر ، مەسلەن : بېلىق ، توخۇ گۆشى ، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ، سۈت ، تۇخۇم سېرىقى ، ياڭاق ، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) مېغىزى قاتارلىقلار . ئۆسۈملۈكلەردىن قارا ئاشلىق ، بولۇپمۇ گۈرۈچ .

   3 . ۋىتامىن C كوللاگېننى شەكىللەندۈرۈپ ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . سۆڭىكى شالاڭلاشقان ياشانغانلار ، ھەر كۈنى 100 مىللىگىرام ۋىتامىن C تولۇقلىشى كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆمۈر سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە ئامىل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قىزىقىش قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .