يېقىندا ئەنگلىيەلىك دوختۇر تىرىسا مېكنىل ئۇنىۋېرسال كۆپ تۈر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى مۇھىم ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويدى

 ئۆمۈر چولپىنى دىلارەمخان سۇلتان ئانىمىز
ئۆمۈر چولپىنى دىلارەمخان سۇلتان ئانىمىز


  ئۆي ئىچىدىكى ئازادە كۆرۈش مۇھىتى ئۆمۈرنى ئىككى يىل ئۇزارتىدىكەن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوچۇق دائىرە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، كىشىنى ئۈمىدۋار قىلىدىكەن. شۇڭا ئۆيگە ياخشى كۆرىدىغان مەنزىرە رەسىمى ياكى فوتو سۈرەتلەرنى ئېسىپ قويۇش كېرەك ئىكەن.

   تۇرمۇشتا قالايمىقان بولۇش ئۆمۈرنى بىر يىل قىسقارتىدىكەن. كىشىلەر قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ياشىغاندا، بېسىم ئاستىدا چۈشكۈنلىشىدىكەن. بۇنداق قالايمىقانچىلىق ئائىلىلەردە نەرسە – كېرەكلەرنى قالايمىقان قويۇش ياكى قەرزنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولۇدىكەن، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بېسىم يۈرەكنىڭ تېز سوقۇشىنى ۋە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، سالامەتلىككە زىيان سالىدىغان سېزىمچان ھورمۇن گورىزونتالىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدىكەن.

   ئەرمەك ھايۋان بېقىش ئۆمۈرنى ئىككى يىل ئۇزارتىدىكەن. ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتا، ئەرمەك ھايۋان باققانلارنىڭ دوختۇرغا ئاز كۆرۈنىدىغانلىقى، دەرد – ئەلىمىنىڭمۇ ئاز بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەرمەك ھايۋانلارنى سىلىغاندا ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا يۈرەكنىڭ تېز سوقۇشىنى ئاستىلاتقىلى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

   ئىناق تۇرمۇش ئۆمۈرنى تۆت يىل ئۇزارتىدىكەن. ئىناق تۇرمۇش سالامەتلىككە پايدىلىق. مەنىي چىقىرىش ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ نورمالسىزلىقى ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن.

   شاۋقۇن، بۇلغىنىش ئۆمۈرنى بىر يىل قىسقارتىدىكەن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، %3 يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى شاۋقۇن ئىچىدە ئۇزاق مەزگىل تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شاۋقۇن بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ زىيادە سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ بەدەندە شاۋقۇنغا قارىتا ئىنكاس پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن، ئۇ سېزىمچان ھورمۇننى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۈرەك بىلەن قان تومۇرلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   توي قىلىش ئۆمۈرنى يەتتە يىل ئۇزارتىدىكەن. ئامېرىكا ئالىملىرى توي قىلغانلار بىلەن توي قىلمىغانلارنى سېلىشتۇرغان، نەتىجىدە، نىكاھ تۇرمۇشى بەختلىك بولغۇچىلاردا ئىقتىسادىي مەسىلە، روھىي ۋە جىسمانىي مەسىلىلەر ئاز كۆرۈلگەن، كېسەل بولغان تەقدىردىمۇ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى توي قىلمىغانلاردىن تېز بولغان.

   نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىش ئۆمۈرنى ئۈچ يىل قىسقارتىدىكەن. نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىش ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىش ۋە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى كۈچەيتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە راك كېسىلى، ئۆپكە يەللىكى، قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن. لېكىن نىكاھ تۇرمۇشىدا بەختسىز بولۇپ قالغانلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى سالامەتلىككە پايدىلىق ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن.

   بىنورمال قىياپەت ئۆمۈرنى ئىككى يىل قىسقارتىدىكەن . بىنورمال قىياپەت مۇسكۇل، مۇسكۇل پېيى، سىڭىرنى، بوغۇملارنى زەخىملەندۈرىدىكەن ، ھەتتا ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا بىنورمال قىياپەت يەنە نورمال خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۈمبە ئاغرىش، بوغۇم يەللىكى، بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە سالامەتلىكىگە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلارنىڭ سۆڭىكىنى چىڭىتىدىغان ئۈچ ئامىل توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .