نۇرغۇن كىشى ياشانغانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىمۇ ئۇلارنى ئاياپ ئائىلە ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمايدۇ بۇنداق بولۇۋەرسە ياشانغانلاردا بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى تېزلىشىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، فىزىئولوگىيىلىك قېرىشى تېزلىشىدۇ

ياشانغانلار جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىپ، ئاز تولا ئائىلە ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرسا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىچكى سۇيۇقلۇق ئاجرىتىش سىستېمىسى، يۈرەك قان ئايلىنىش سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىپ، بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا – سىستېمىلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.


شۇڭا ياشانغانلار جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش بىلەن بىللە، ئائىلە ئىشلىرىنى مۇۋاپىق قىلىپ بېرىشى لازىم. بۇ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق.

     ئائىلە ئىشلىرىنىڭ سالمىقى ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى، يېشى، سالامەتلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىش ياشانغانلار ئۈچۈن مۇھىم چېنىقىشتۇر.

ياشانغانلار ھەر كۈنى مۇۋاپىق ئىش قىلىپ بەرسە، قەنت كېسىلى، قاندىكى ياغ ماددىسى يۇقىرى بولۇش، يۈرەك ئىقتىدارى ناچارلىشىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىپ بېرىشى، پەرزەنتلەرمۇ ئۇلارنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىن توسىماسلىقى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار قىش پەسلىدە قانداق كېسەللىكلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆمۈر سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە ئامىل توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .