قىش پەسلىدە ياشانغانلاردا بىر قىسىم كېسەللىكلەر كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا ياشانغانلار تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

ياشانغانلار قىش پەسلىدە قانداق كېسەللىكلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك


   ئاشقازان كېسىلى : قىش پەسلىدە ياشانغانلار ئاشقازىنىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى ، مايسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى ، تاماق مىقدارى  نورمال بولۇشى ، ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك .

   قىچىشقاق: قىچىشقاق ياشانغانلاردا قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك . بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېمەكلىك تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى ، يېڭى كۆكتات ، مېۋە ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، مۇچ ، سامساق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ۋە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان ، قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك .

   يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى : قىش پەسلىدە ياشانغانلاردا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشى ، ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا قاراپ قېلىن كىيىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۆت خىل مېغىز ياشانغانلارنىڭ قەۋزىيىتىنى يەڭگىللىتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە سالامەتلىكىگە پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .