ياشانغانلارنىڭ چوڭ ئۈچىيىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىرىمۇ ئاستىلاشقا باشلايدۇ ، بۇ سەۋەبىدىن ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ

  كەندىر : كەندىر مېغىزىدىن 12 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، بىر قېتىم قايناتقاننى ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە ، ياشانغانلاردىكى ئادەتكە ئايلانغان قەۋزىيەتكە كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ .

   ئالۇچا مېغىزى : ئالۇچا مېغىزىدىن 10 گرام ، كەندىر ئۇرۇقىدىن 10 گرام ، ئارچا ئۇرۇقىدىن 10 گرامنى قاينىتىپ ، بىر قېتىم قايناتقاننى ئىككىگە بۆلۈپ  ئىچىپ بەرسە ، ياشانغانلاردىكى جاھىل قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .

  ياڭاق مېغىزى : ياشانغانلاردىكى قان يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان قەۋزىيەتكە ئالاھىدە ئۈنۈمى بار . كونكېرت ئۇسۇلى : ياڭاق مېغىزىدىن 20 گرامنى كۈندە بىر قېتىم يەپ بەرسە ، ياكى كەندىر ئۇرۇقىدىن 10 گرام ، توشقان زەدىكىدىن 100 گرامنى سۇدا بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ .

   ئۆرۈك مېغىزى : ياشانغانلاردىكى خىلىت ئازلاش ، ئىچكى ئاجرالمىلار بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ . ئۆرۈك مېغىزىدىن 10 گرام ، كەندىن ئۇرۇقىدىن 100 گرامنى سۇدا قاينىتىپ ، بىر قېتىم قايناتقاننى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئىچىلىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىسا ئۆپكىسىگە زىيان يېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار قىش پەسلىدە قانداق كېسەللىكلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .