ياشانغانلار تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىسا ، بەدەن سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

   ياشانغانلارتاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىسا ، ئۆپكىسىگە زىيان يېتىدۇ . چۈنكى ، ياشانغانلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان ، ئۈچەي يولىدىكى سىلىق مۇسكۇل يېگىلەپ ، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنلەپ ، لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلايدىغان بولغاچقا ، ھەزىم قىلىش ئاجىزلاپ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان ، ئۈچەي يولىدا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ .

ئەگەر تاماق يەپ بولۇپلا دەرھال ئۇخلىسا ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچكە يانىدۇ . ياشانغانلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ، ئىنكاسى ئاستىلايدىغان بولغاچقا، يېمەكلىككە ئارىلاشقان ئاشقازان كىسلاتاسى ئۆپكىگە كىرىپ كېتىپ ، زىيان يەتكۈزىدۇ .

بۇ خىل ئەھۋال تەكرارلانسا ، ئۆپكىنىڭ باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، ياشانغانلار تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماي ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۆت خىل مېغىز ياشانغانلارنىڭ قەۋزىيىتىنى يەڭگىللىتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .