ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ياغ مىقتارى ئېشىپ كېتىش، سېمىزلىك، قەنت كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل كېسەل ئامىللىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىل جۇغلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ

ھالبۇكى، بۇ كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ساغلام ۋە ئىلمىي بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى ناچار ئادەتلەر ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

    بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ ئۇخلاش باشنى يوتقانغا پۈركەپ ئۇخلىغاندا، يوتقان ئىچىدىكى كاربونⅣ ئوكسىدى قويۇقلۇقىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ،  ئوكسىگىننىڭ مىقتارى ئازىيىپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق ھاۋانى سۈمۈرگەندە چوڭ مېڭىگە زىيان يېتىدىكەن.

   كېسەل تۇرۇپ خىزمەت قىلىش كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۆگىنىش ياكى خىزمەتنى داۋاملاشتۇرسا، چوڭ مېڭىگە زىيان يېتىدىكەن.

   مېڭە ئىشلىتىشكە ئېرىنىش چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەپەككۇر قىلىش. كۆپرەك مېڭە ئىشلىتىپ، تەپەككۇر قىلغاندا ئادەم تېخىمۇ  ئەقىللىق بولىدىكەن

   جىمغۇرلۇق، ئاز گەپ قىلىش چوڭ مېڭىدە سۆزلەشكە قوماندانلىق قىلىدىغان رايون بار بولۇپ، كۆپ سۆزلەپ بەرگەندە، چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرغىلى  بولىدىكەن. ئادەتتە، كۆپرەك مول مەزمۇنلۇق ۋە پەلسەپىۋى خاراكتېرى كۈچلۈك گەپلەرنى قىلىپ بەرسە، چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

   تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، ئىشتىھا ناچارلىشىپ، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن،  بۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارى نورمال سەۋىيىدىن تۆۋەنلەپ كېتىپ، چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق  يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   ئۇزاق مەزگىل تاماكا چېكىش ئەنگلىيە تېببىي ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇزۇن يىل تاماكا چەككەندە، مېڭە توقۇلمىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە  يىگىلىنىش يۈز بېرىپ، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   شۇڭا، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئاكتىپ پىسخىك ھالەتنى، ياخشى بولغان كىشىلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلسە، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

سانىيە خەرسەن تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلاردىكى ئاتا-ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى» نى ۋاقتىدا داۋالىغان تۈزۈك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىسا ئۆپكىسىگە زىيان يېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .