ھازىر، كۆپىنچە ئائىلىلەر يالغۇز پەرزەنتلىك بولغاچقا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئەتىۋارلايدۇ بۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلار مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، ئاتا – ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ يېقىندا، سىرتقا كاماندىروپكىغا بېرىپ، قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن كەسىپداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ جەھەتتىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم

تۇرسۇن قۇربان

مەلۇم ئورۇندا رەھبەر بولغان بىرەيلەننىڭ ئوغلى بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم، – دەپ گەپ باشلىدى بىرەيلەن: ئۇنى ئاتا – ئانىسى كىچىكىدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىيالمىدى، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدى. ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا دۇكان ئېچىپ بېرىپ، ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بالىسىنىمۇ بېقىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يا بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىدى، تۇتسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەي، يەنىلا ئاتا – ئانىسىنىڭ سايىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئاتا – ئانىسى ئۇنى «توققۇزى تەل بەگزادە» قىلىپ ئۆگىتىپ قويغانىدى!؟

ناھىيەمىزنىڭ مەلۇم ئىدارىسىگە بىر يىگىت چېنىقىشقا چۈشۈپتۇ، ئىدارە باشلىقىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ يىگىتنى «كۈتۈش» ناھايىتى تەسكە توختاپتۇ، چۈنكى بۇ «بەگزادە» نازىر دادىسىنى پەش قىلىپ ئىدارىگە ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىپ ئىدارە باشلىقىغا ئاراملىق بەرمەپتۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ نازىرنىڭ ئوغلى بولغاچقا نازارەتتىمۇ باشقۇرۇش تەسكە توختاپتىكەن، دېمەك، بۇ بالىمۇ ئاشۇنداق «توققۇزى تەل» ئەركە چوڭ قىلىنغان «بەگزادە» ئىكەن... دەپ گەپ تولۇقلىدى يەنە بىرەيلەن.

قىزىم يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا سومكا رەتلەش، قەلەم ئۇچلاش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەدىسى قىلىپ بېرەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قىزىم باشقىلارغا بۇيرۇق سوقىدىغان بولۇۋالدى. بىر كۈنى مەن قاچا يۇيۇۋاتاتتىم، قىزىم قاچا يۇيۇشۇمغا قاراپ تۇردى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «قىزىم قاچا يۇيغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟» دەپ سورىۋېدىم، ئۇ «شۇنداق»، دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كىچىك تەلەڭگىگە سۇ ۋە قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا قاچا يۇيۇشنى ئۆگەتتىم. قىزىم قاچا يۇيۇشنى ئۆگىنىۋالدى. قورۇما قورۇغاندا مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ياردەمچى قىلدىم، ئۇ ماڭا كۆكتاتلارنى ئېلىپ بەردى، مەن ئۇنىڭغا «توڭلاتقۇدىن شوخلا بىلەن تۇخۇم ئېلىپ بېرىڭە»، دېۋىدىم، ئۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ بەردى، «سىز مېنىڭ ياخشى ياردەمچىم!» دەپ ئۇنى ماختاپ قويدۇم. بۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ ئۆيدە ئىش قىلىش قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئېشىپ، ماڭا دائىم ياردەملىشىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ مۇستەقىللىقى ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئاشتى...» دەپ گەپ قىستۇردى بىر ئايال كەسىپداش.

دېمەك، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى» ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا نازۇك، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، مۇستەقىل قارىشى، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يوق بىچارە بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا يۇقىرىقىدەك «بەگزادە»لەر كۆپىيىپ، ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەر قانچە ياخشى بولغان ئەھۋالدىمۇ بالىلىرىنى «توققۇزى تەل» قىلىپ قويغاننىڭ ئورنىغا كىچىكىدىن جاپا – مۇشەققەتكە چىدايدىغان ئىشچان، ئىرادىلىك، ئاددىي – ساددا، ئىقتىسادچىل قىلىپ تەربىيەلىگەن، تۇرمۇشنىڭ «داشقازانلىرى»دا پىشۇرۇپ، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۇرۇپ قويغان تۈزۈك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .