مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم چۈنكى روھىي ساغلاملىق مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ئادەم قانچە ئازابلانسا، قايغۇرسا، ئاچچىقلانسا، كەيپىياتى تۇراقسىز بولسا، مېڭە ھۇجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم.

مېڭىنى ئىشلىتىپ تۇرۇش لازىم. مېڭىنى ئىشلەتمىسە قاتماللىشىپ كېتىدۇ. ئىشلىتىپ تۇرسا نېرۋا ھۇجەيرىلىرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا كىتاب ئوقۇپ، شېئىر يادلاپ، يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

چېنىقىپ تۇرۇش لازىم. چېنىقىشنىڭ بەدەنگە بولۇپمۇ چوڭ مېڭىگە پايدىسى كۆپ. چېنىققاندا قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشى بولۇپ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ.

دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. چارچىغاندا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش، چېنىقىش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مېڭىنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تۇخۇم، يەر ياڭىقى، پۇرچاق، ياڭاق، بېلىق، كالا، قوي گۆشلىرى قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى مول يېمەكلىكلەر بىلەن تەرخەمەك، پەمىدۇر، سەۋزە، كۆممىقوناق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن B1 كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، قان تومۇرقېتىشىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇۋاپىق ئۇخلاش لازىم. چارچىغاندا قېنىپ بىر ئۇخلىغاندا، مېڭە ياخشى ئارام ئالىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ئۇخلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىم مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا چارچىغاندا قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم، قەھۋە مېڭىنى غىدىقلاپ ئادەمنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كەڭ قورساق ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلاردىكى ئاتا-ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى» نى ۋاقتىدا داۋالىغان تۈزۈك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .