بالدۇر قېرىتىۋېتىدىغان 10 يامان ئادەت

نۇر تورى تەرجىمىسى:

1.    ناشتا قىلماسلىق

ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئاشقازان، ئۈچەيگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، كىشىنى ھارغىن قىلىدۇ، ئاشقازان بىئارام بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ ھەمدە ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئادەمنى قېرىتىۋېتىدۇ.

2.    ئاش قورساق يۈگۈرۈش

ئاش قورساق يۈگۈرۈش يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاسانلا يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىز بولۇشنى قوزغاپ قويىدۇ، ھەتتا تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

3.    قايناۋاتقان سۇدا چاي دەملەش

قايناۋاتقان سۇدا چاي دەملىگەندە چايدىكى ۋىتامىن C بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياخشىسى 70-80 گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا چاي دەملەش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا چاي ساغلاملىققا پايدىلىق بولىدۇ.

4.    ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىق

ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىقنى زىيىنى ناھايىتى چوڭ، دائىم چىش چوتكىلىمىغان ئادەم ئاسانلا زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ، چىش چىرىش، چىشتىن قان چىقىش، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.    ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىنى يۇماسلىق

يۈزدىكى گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چاڭ-توزانلار تېرىنى غىدىقلايدۇ، تەر تۆشۈكچىسىنى ئىتىۋالىدۇ، تېرە ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ.

6.    سىرلانغان چوكىدا تاماق يېيىش

سىردا كۆپ خىل ئادەم تېنىگە زىيانلىق ماددىلار بار، نىترات تەركىبلىرى سۈمۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئېتىلامىن خلور بار ماددا بىلەن بىرىكىپ كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى نىتروزامىن ھاسىل قىلىدۇ.

7.    بېلىق قىلتىرىقى گالدا تۇرۇپ قالسا ئاچچىقسۇ ئىچىش

ئاچچىقسۇ بېلىق قىلتىرىقىنى چىقىرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە يەنە يېپىشقاق پەردىنى كۆيدۈرۈپ، قىزىلئۆڭگەچتە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ.

8.    دورىنى ئۇشتۇپ يېيىش

دورىنى ئۇشتىغاندا قىر چىقىپ يۇتۇش تەسلىشىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازانغا ئاسانلا زىيان سالىدۇ.

9.    تاماق ئۈستىلىگە يالتراق داستىخان سېلىش

يالتىراق (سۇلياۋ) داستىخان زەھەرلىك ئەركىن ئىئونلۇق پولى ۋىنىل خلورىد سىمولىسىدىن تەركىب تاپقان، تاماق قاچىلىرى دائىم بۇ زەھەرلىك ماددا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، ئادەمنى ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلەيدۇ.

10.ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قېنىق چاي ئىچىش

چايدىكى كوفىئېن ئىشقار بىلەن ئىسپىرت رېئاكسىيەلىشىپ ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دۆڭگە يامىشىش سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە ئائىت بىر قانچە نۇقتىلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .