ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكانلىرىغا بارىدىغان بەزى ياشانغان ئاياللارنىڭ سەكتە بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭغا باشنى ئوڭدا يېتىپ يۇيدۇرۇش ئاساسىي سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېيىشتى:«بۇ يەردىكى سەۋەب شۇكى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بار، بۇ خىل كېسەللىك ئاسانلا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا باشنى ئوڭدا يېتىپ يۇيدۇرغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى زىيادە تولغىشىپ، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى قىسقىرايدۇ-دە، ئارتېرىيە تومۇر قاناپ ئادەم سەكتە بولۇپ قالىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار تېخمۇ دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، باش يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، سۇنىڭ بەك سوغۇق ياكى ئىسسىق بولۇش سەۋەبىدىن قان تومۇرنى غىدىقلاپ، قان تومۇر يىگىلەشتەك نورمالسىزلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ياقىسى كىچىك كىيىملەرنى كىيمەي، قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بەك مۇھىم؛ ناۋادا ياشانغانلار بېشىنى ئوڭدا يېتىپ يۇيدۇرغاندا بېشى قېيىپ، كۆز تورلاشسا، دەرھال نورمال ئولتۇرۇش ھالىتىگە قايتىش كېرەك».

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار قانداق قىلغاندا كالتىسىينى تېز تولۇقلىيالايدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .