ياشانغانلار قانداق قىلغاندا كالتىسىينى تېز تولۇقلىيالايدۇ؟

ياشانغانلار قانداق قىلغاندا كالتىسىينى تېز تولۇقلىيالايدۇ؟

كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئۇسۇلى:

1.كالتىسىي تابلىكىتكىسىنى بېلىق جىگىرى مېيى بىلەن تەڭ يېيىش.

2.ئاپتاپ سىنغاندا، ئاپتاپقا دۈمبىسىنى كۆپرەك قاقلاپ بېرىش. 

3.كۈندە پۇتىدىكى قالقان بەز رېفلىكىس رايونىنى ئۇۋىلاپ بېرىش.

4.كېچىلىك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاش. 

كالتىسىي تابلىتكىسىنى يېگەندە، چوقۇم بېلىق جىگىرى مېيىنىمۇ تەڭ يېيىش لازىم

ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە ئادەمدە كالتىسىي كەم بولىۋاتقاندەك، كالتىسىينىڭ ئېلانلىرى بەك جىقلاپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر كالتىيسىي ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. بەزىلەر مەلۇم ماركىدىكى كالتىسىينى ماختاپ «بۇ كالتىسىي ئاشقازاندا بۇزۇلماي، بىۋاستە ئۈچەيگە بېرىپ سۈمۈرۈلىدىكەن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لېكىن سىز ئويلاپ كۆرۈڭ، بەدەندە ۋىتامىن A، ۋىتامىن Dلار بولمىسا، كالتىسىي ئىئونى قانداق سۈمۈرىلىدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قانچە كۆپ كالتىسىي يېگەن بىلەن پايدىسى يوق. 

بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بەدەننىڭ كالتىسىينى سۈمۈرۈشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل كۈندە پۇتنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى قالقان بەز رېفلىكىس رايونىنى ئۇۋىلاپ بېرىشتۇر. 

پۇتنىڭ شۇ يېرىنى ئۇۋىلىغاندا، ئاندىن قاندىكى ۋە باشقا جايلاردىكى كالتىسىيلار سۈمۈرۈلۈپ، بەدەن كۈچكە تولىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا كالتىسىي يېسىڭىز ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. 

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، كالتىسىي تابلىتكىسى يېگەندە، چوقۇم بېلىق جىگىرى مېيىنىمۇ قوشۇپ يەڭ. 

دۈمبىنى ئاپتاپقا قاقلىسا، كالتىسىي تولۇقلايدۇ

ئاپتاپقا قاقلانسا كالتىسىي تولۇقلايدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ، لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر قانداق قاقلىنىشنى بىلمەيدۇ. مەھەلىلەردە قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن بوۋاي- مومايلارنىڭ ئاپتاپ سىنغاچ، خۇشال پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇلار بەلكىم مۇشۇنداق قىلسا كالتىسىي تولۇقلايدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. جۇڭيى تىبابىتىدە، دۈمبە ئادەمنىڭ توق تەرىپى ھېساپلىنىدۇ، توق تەرەپ ئاپتاپقا تولۇق قاقلانسا، ئاندىن ۋىتامىن Dنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالتىسىينى سۈمۈرەلەيدۇ. 

كېچىلىك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاپ، كالتىسىي تولۇقلاڭ

ھازىر تۇرمۇش رېتىمى بەك تېز، نۇرغۇن كىشىلەر كەچ سائەت 10:00دىن بۇرۇن ئۇخلىيالمايدۇ. لېكىن مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياشانغانلار چوقۇم كەچ سائەت 11:00دىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، دەم ئېلىش كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، مېتابولىزم ۋە كالتىسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

ئاپتاپقا قاقلىنىش، پۇتىدىكى قالقان بەز رېفلىكىس رايونىنى ئۇۋىلاش ۋە كېچىلىك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاش ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ كالتىسىي تولۇقلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

تۆۋەندىكىسى پۇتتىكى قالقانبەز رېفلىكىس رايونىنىڭ ئورنى، شۇ يەرنى مۇۋاپىق ئۇۋىلاپ بېرىش ئارقىلىق ، كالتىسىي سۈمۈرۈش ۋە تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ

 

 

 

 

 

مەنبە: شىپالىق قول ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

تەرجىمان: ئىسكەندەر جېلىل


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار بېشىنى ئوڭدا يېتىپ يۇيدۇرسا بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .