ئادەمنىڭ قېرىش سەۋەبى توغرىسىدىكى يېڭى كۆز قاراش

يېتەرلىك سۇ ئىچمەسلىك
  كانادانىڭ مەشھۇر تېببىي دوكتورى ئا. خۇۋا ئوتتۇرىغا قويغان «سۇنى يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىق مېڭنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن تەلىماتى تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ كۆز قارىشى شۇكى، ئادەمنىڭ پۇراش ۋە تېتىش سېزىمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئاجىزلىشىدۇ، ئۇسساش سېزىمىدىمۇ ئۆزگىرەش پەيدا بولىدۇ. لېكىن كىشىلەر ھەمىشە ئۇسساش سېزىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەل قارايدۇ. ياشانغانلار ئادەتتە ئۇسسىمغاچقا، سۇنى ناھايىتى ئاز ئىچىپ، بەدەندە سۇ تولۇقلىنىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىچمىسە، چوڭ مېڭە ئەڭ ئاۋۋال تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، ۋاقتى ئۇزارسا، مېڭنىڭ قېرىشى كېلىپ چىقىدىكەن.
 
ۋىتامىن B12 يېتىشمەسلىك
يېقىندا ياپونىيە شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىدىكى پروفېسسور سۇڭ زېيىنىڭ قېرىشتىن بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 86 نەپەر بىمار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بۇ بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىن B12 كەم بولۇپ، ۋىتامىن B12  تولۇقلاپ بېرىلگەندىن كېيىن 80% بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، مېڭە يىگلەش يېنىكلىگەن. ئانالىز قىلىنىشىچە، ۋىتامىن B12 بەدەندىكى ئاقسىل ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىش جەريانىغا قاتنىشىدىكەن. ئەگەر ۋىتامىن B12 يېتىشمىسە، نېرۋا توقۇلما ھۈجەيرىسىدىكى دوپامىننىڭ ھاسىل بولۇشى ئازىيىپ، قېرىشتىن بولىدىغان دىۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.
يىپسىمان تەنچىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى   ياپونىيە ۋە ئاۋىستىرلىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىلىشىچە، ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىسىدىكى يىپسىمان تەنچە گېنى كەپتۈكلۈكى ئوكسىگېن ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قېرىشنى پەيدا قىلىدىكەن. يىپسىمان تەنچە مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ئەزالار ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدىغان مۇھىم مەنبە. ئەگەر يىپسىمان تەنچە فونكسىيىسى ناچارلاشسا، بەدەننىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېچىغان، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش  
تېببىي سىناقلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ياغ قوڭۇر پىگمېنتى نېرۋا ۋە يىلىك ھۈجەيرىسىگە چۆكسە ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن ھەم DNA نىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاقسىل. فېرمېنت قاتارلىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىكەن. ياغ قوڭۇر پېگمېنتىنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددا زىيادە ئوكسىدلانغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسەن ياغلار ۋە تەركىبىدە ياغ بولغان يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ. تەركىبىدە ياغ كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر ھاۋا تەسىرىدە ئاسانلا ئېچىپ، زىيادە ئوكسىدلانغان ماددىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر كىشىلەر بۇ ئېچىغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلسا، زىيادە ئوكسىدلانغان ماددىلار بەدەندە يىغىلىپ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ.
 
ناشتا قىلماسلىق  
بەزى كىشىلەر ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئاشقازان-ئۈچەيگە زىيان سېلىپلا قالماستىن، يەنە قېرىشنى تېزلىتىدۇ. چۈنكى تېببىي نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا ناشتا قىلماسلىق تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئاسان قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
دائىم بەك تۇيۇنۇپ تاماق يېيىش  
يېقىندا ياپونىيىنىڭ كيوسيو ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئالىمى داسۈنيۇنىڭ بايقىشىچە، دائىم بەك تۇيۇنۇپ غىزالانسا، بولۇپمۇ كەچلىك غىزانى بەك تويۇنۇپ يېسە، قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى ئورگانىزم ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، بەدەندىكى ياغلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، قاندىكى ياغسىمان تەركىبلەر يۇقىرىلاپ، مېڭە ئارتېرىيىسى بوتقىسىمان قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا تويغۇدەك غىزالىنىش يەنە «تالا بىخلىما ھۈجەيرە ئۆستۈرگۈچى فاكتورى» دېيىلىدىغان بىر خىل ماددىنىڭ چوڭ مېڭىدىكى مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ ئارتېرىيە قېتىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل ماددا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بەك تويغۇدەك غىزالىنىش ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدا ئايلىنىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، چوڭ مېڭە تەمىنلەيدىغان قان نىسپىي ھالدا يېتىشمەيدۇ. نەتىجىدە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قولنى كۈچەيتىش مەشىقىنى كۆپ ئىشلىگەندە ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار قانداق قىلغاندا «ياشلىق» ىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .