ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى چۈشىنىڭ

ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى ( 2 )

   بەدىنىڭىزدىكى توكسىننى چىقرىۋېتىڭ ئامېرىكىلىق خېربېرت خىلتون 18 ياش ۋاقتىدا، ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىلارنىڭ ھەر قېتىم كېسەل بولۇپ قالغىنىدا، بىر قانچە كۈن ھېچنېمە يېمەي، ئارقىدىنلا ساقىيىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. خلتون ئۆزىمۇ بىر قانچە قېتىم تاماق يېمەي سىناپ باققاندىن كېيىن، روھلىنىپ قالغانلىقىنى سەزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوزۇقلۇق ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، ئاخىرىدا داڭلىق كۈتۈنۈش ئىلمى مۇتەخەسسىسى بولغان. كېيىنچە، ئۇ يازغان ‹‹بىر مەزگىل تاماق يېمەسلىك ئۆمرىڭىزنى ئۇزارتىدۇ›› دېگەن كىتاب بازار تاپقان. نۇرغۇن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر، تاماقنى ئاز يېيىش، تەرلەش ئارقىلىق، بۇلغانغان ۋە ناچار يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولغان توكسىنلارنى قەرەللىك ھالدا بەدەندىن چېقىرىۋېتىشنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى 2000 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىشمۇ مۇھىم، سۇ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، توكسىننى چىقرىۋېتىشكە پايدىلىق.

   چوڭ – كىچىك تەرىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ نۇرغۇن كىشى ھەرىكىتى ئاز بولغاچقا 30 – 40 ياشلارغا كىرىشى بىلەنلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بوغماق ئۈچەيدە توختاپ قالىدۇ – دە زەھەرلىك ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق قايتا قوبۇل قىلىنىپ، ئەزالار ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە ھەر خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   قېرىشقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلىڭ ساغلام بولۇش ئۈچۈن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك جەھەتتە، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم. كۆك چاي تەركىبىدە ئانتىئوكسىداتلار، ئانتىبىئوتىكلار ۋە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان ماددىلار بار، شۇڭا ئۇنى دائىم ئىچىپ بېرىش كېرەك. پۇراقلىق موگۇ، سامساق، قېتىق تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىنك، سېلېن قاتارلىق مېكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. روھىي ھالەتمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي كەيپىياتنى ساقلاش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش لازىم.

   مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ بېلىق تۈرىدىكىلەردىن پاقا بېلىق، ماككېرىل بېلىقى، ساردېنا بېلىقىنىڭ ياغلىرى DHA نىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

   ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىدىغىنى كۆپىنچىسى ئورگانىك يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ھاشارات يوقىتىش دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلار ئىشلىتىلمەيدۇ، گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىكلەر بىر ئورگانىك تەندىن گېنىنى ئېلىپ، يەنە بىر ئورگانىك تەنگە كىرگۈزگەن يېمەكلىك بولۇپ، ھازىر بۇلاردا تېخى نۇرغۇن نامەلۇم ئامىللار مەۋجۈت، شۇڭا، ئۇنى ئىستېمال قىلمىغان ياخشى.

   ھەرىكەت قىلىڭ ھەرىكەت قىلىش قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق كىرگۈزىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قەرەللىك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن؛ ھەرىكەت قىلىش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن؛ ھەر كۈنى 30 – 60 مىنۇت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغاندا، بولۇپمۇ تېز سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ئۇسۇل ئويناش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار سىزنى ساغلام قىلىدۇ.

   زىيادە غەم يېيىش ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋەتمىسۇن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بار: ئۇلار تۈنۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدۇ، ئەتىكى ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. كۆڭلى خاتىرجەم، كەيپىياتى ئازادە بولۇش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ كەيپىياتى جىددىي بولغاندا، يۈرەك سوقۇشى تېزلەپ، نەپەس ئېلىشى جىددىيلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بەدەندە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى قاتارلىق جىددىيلىشىش گورمونلىرى ئاجرىلىپ چىقىپ، قاندىكى خولېستېروننى كۆپەيتىپ، كالىي ۋە فوسفورنى ئاجرىتىپ چىقىپ، بەدەندە تېخىمۇ كۆپ كىسلاتا پەيدا قىلىپ، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، جىنسىي ھەۋىسى قاتارلىقلار توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئامىللار دائىم كېسەل ياكى زەئىپلىشىپ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، %80 تىن يۇقىرى ھەر خىل كېسەل، جۈملىدىن راك كېسىلى، يۈرەك مېڭە قان تومۇرى كېسەللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاق ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرغانلىقتىن پەيدا بولىدىكەن. قىزىقارلىق پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، قانغىچە كۈلۈۋېلىش، بىر مەزگىل ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق. ئادەتتە خاپىلىقنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ياشلاردەك چاغلاپ يۈرگەندە، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى دائىم تىلىنى چىشلەپ سېلىش مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالامىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .