تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

 

1. كۈن يېرىم تۇتۇلىدىغان ، گۈرۈچنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىم ، مېڭە يىگلەش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپرەك بولىدۇ .

2. بېلىق ۋە پۇرچاقنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان رايونلاردىكىلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ . دادۇر ، پۇرچاق ئىستېمال قىلىدىغان رايوندىكىلەرنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ .

3. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان رايونلار كۆكتات كۆپ چىقىدىغان رايونلاردىكىلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ .

4. داۋاملىق دېڭىز يوسۇنىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان رايونلاردا ، مېڭە ، قان تومۇرلار كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشى ئاز بولۇپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر كۆپ بولىدۇ .

5. بېلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ، كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان رايونلاردىكىلەر يەنىلا قىسقا ئۆمۈر كۆرىدۇ ، بۇنداق رايونلاردىكى بېلىق ئىستېمال قىلىش بىلەن كۆكتاتنى ئىستېمال قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ، يۈرەك كېسەللىكىدىن ھەزەر ئەيلىگىلى بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالىسىڭىز ... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈلۈشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .