ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە ، ھەمىشە چاي ئىچىش ئاتسېتىل خولىنستېرازانىڭ ئاكت

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە ، ھەمىشە چاي ئىچىش ئاتسېتىل خولىنستېرازانىڭ ئاكتىپلىقىنى تېزگىنلەشكە پايدىلىق ئىكەن .

بۇ خىل فېرمېنت نېرۋا ئۆتكۈزگۈچى ماددىسى ئاتسېتىل خولىننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئارقىلىق ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنى قوزغايدۇ . ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى ئاتسېتىل خولىننىنىڭ تۆۋەنلىشىدە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ مېڭىسىدە نېرۋىنىڭ ئۆتۈشى توسۇلۇپ قېلىپ ، شۇ كېسەللىك قوزغالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، بىمار گەپنى ئەزمە قىلىدۇ ، ئالا - تاغىل سۆزلەيدۇ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ ، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، بىمارنىڭ كەيپىياتى خامۇش بولۇپ قالىدۇ ، بىمار كىشىلەر بىلەن ئارىلاشمايدىغان ، گۇمانخور ، ئىنكاسى ئاستا ، ھەرىكىتى دەلدەڭ بولۇپ قالىدۇ ، ئەتىدىن كەچكىچە ئورنىدىن قوپماي ياتىدۇ ، كىشىلەر بىلەن ئارىلاشمايدۇ ، ھەتتا تاماق يېيىش كىيىم كىيىش ، تەرەت قىلىش قاتارلىقلاردا قىينىلىدۇ ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىن چىقالمايدۇ ، ئاخىرىدا بارلىق ئەزايى قېرىپ ئۆلىدۇ .

قىزىل چاينىڭمۇ ، يېشىل چاينىڭمۇ ئاتسېتىل خولىنستېرازانىڭ ئاكتىپلىقىنى تېزگىنلەش رولى بار بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، بۇ جەھەتتىكى رولى جەھەتتە يېشىل چاي ئۈستۈنرەك تۇرىدۇ .

چايدا تەن ساغلاملىققا پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددا ۋە بىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەر بولۇپ ، چاينى مۇۋاپىق ئىچىپ ، قەھۋەنى ئازراق ئىچىپ بەرگەندە ، ساغلاملىشىش ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تولىمۇ پايدىلىق . مەسىلەن ، چايدىكى فلاۋون تۈرىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رىئاكتىپ ماددا يۈرەك كېسەللىكى ، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، چاي سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بەزى رېئاكسىيىلەرنى پەسەيتىدۇ .

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، چاينى سۇس ئىچىش لازىمكى ، قېنىق ئىچمەسلىك ، كۈن ئاتلىغان چاينى ئىچمەسلىك ، دورىنى چاي بىلەن ئىچمەسلىك ، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چاي ئىچمەسلىك لازىمدۇر .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشانغانلار نېمىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشانغانلار مىۋىلەرنى قانداق ئىستىمال قىلىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .